ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا پايدىلىق كۆكتاتلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەر، ئادەتتە قانداق قىلغاندا قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ؟ ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىزنى ياخشى باشقۇرۇپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى كونترول قىلىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ.
كەرەپشە
   كەرەپشە تەركىبىدىكى ۋىتامىن P، قاننىڭ خولستىرىن تەركىبىنى تۆۋەنلىتىشتىن باشقا، يەنە قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى كۈچەيتەلەيدىغان بولۇپ، ئادەتتە مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. زور مىقداردىكى ۋىتامىن P، خولستىرىننى ئۆت كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇپ بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ، قان ئايلىنىش ۋە يۈرەك ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
پىياز
   پىيازنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇپ باكتېرىيە يوقىتىش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راكقا قارشى تۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش، خولىستىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار بولۇپ، كۆپ ئۇچرىمايدىغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى.
پىدىگەن
   بىنەپشە رەڭلىك پىدىگەن تەركىبىدىمۇ ۋىتامىن P بار بولۇپ، ئۇنى ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، قاندىكى خولىستىرىن مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى تىزگىنلەپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
چار خەمەك(苦瓜)
   چار خەمەكنىڭ ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ زەھەر ياندۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ قان بېسىمنى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. چار خەمەكنى، شەربىتىنى سىقىپ، سوغۇق تەملەشتۈرۈپ، شورپا قاينىتىپ ياكى قورۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. چار خەمەك تەركىبىدىكى ئوكسالىك كىسلاتاسى كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئۇنى سۇدا بىر قاينىتىپ تەركىبىدىكى ئوكسالىك كىسلاتاسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن قورۇش كېرەك. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، چار خەمەكنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئاشقازان ۋە ئۆت سوۋۇپ كەتكەنلەر ئىمكان قەدەر ئاز ئېستىمال قىلىشى كېرەك.
پالەك
   پالەك تەركىبىدە تۆمۈر، ئاقسىل، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C قاتارلىقلار مول، بۇلاردىن باشقا يەنە، باشقا كۆكتاتلاردا كەمچىل بولغان ۋىتامىن Kمۇ بار. شۇڭا پالەكنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، تىرىدىن ۋە ئىچكى ئەزالاردىن قان چىقىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号