ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پىشقان خاسىڭ بىلەن خام خاسىڭنىڭ قايسسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەم خاھىشى ئوخشىمايدۇ؛ مەسىلەن، بەزىلەر خاسىڭنى پىشۇرۇپ يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر بولسا خام يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە، پىشقان خاسىڭ بىلەن خام خاسىڭنىڭ قايسىسىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى!
   بازاردىكى خاسىڭ مەيلى پىششىق خاسىڭ بولسۇن ياكى خام بولسۇن، تۈرى بىر قەدەر كۆپ، بەزىلەر يەنە خاسىڭ قىيامى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەسلى گەپكە كەلسەك، مەيلى خام خاسىڭ بولسۇن ياكى پىششىق خاسىڭ بولسۇن، پەقەت مايدا داغلانغان خاسىڭ بولمىسىلا، بەدەنگە ئوخشاشلا پايدىلىق. چۈنكى، خاسىڭنى مايدا داغلاش جەريانىدا، تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار كۆپ ئېقىپ خوراپ كېتىدۇ. خام خاسىڭنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھېچقانداق پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدىن ئۆتمىگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلىنىدۇ؛ شۇڭا خاسىڭنى خام يىسە بەدەنگە بولغان پايدىسى زور بولىدۇ.
   لېكىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، خام خاسىڭ ئاسانلا كۆكۈرۈپ قالىدىغان بولغاچقا، شۇڭا ساقلاش ئۇسۇلى ئادەتتە نىسبەتەن مۇرەككەپ بولىدۇ. ئادەتتە بىز خام خاسىڭنى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتساق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ.
   بۇندىن باشقا، خاسىڭنى پىشۇرۇش جەريانىدا، مۇچ تالقىنى قاتارلىق بەزىبىر خۇرۇچ ماتېرىياللىرىنى قوشۇۋەتسەك، تەمى ئۆزگىچە ياخشى بولىدۇ؛ لېكىن، بۇ جەرياندا خاسىڭ كۆپلىگەن ئىش تەرتىپلىرىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، تەركىبىدىكى بەزىبىر فاكتورلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئاشقازان-ئۈچەيگە بەلگىلىك بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى كىشىلەر خاسىڭنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى توغرا بولمىغاچقا، تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كېتىدۇ، بۇ خىلدىكى خاسىڭنىڭمۇ بەدەنگە كۆپ پايدىلىق رولى بولمايدۇ.
   خاسىڭ تاللاپ سېتىۋالماقچى بولغاندا ئۆزىمىزنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن تاللاش ئېلىپ بارساق بولىدۇ؛ ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، خام خاسىڭنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى پىششىق خاسىڭغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ، پىششىق خاسىڭ بولسا، بەزىبىر خۇرۇچلىرى قوشۇلغانلىق سەۋەبىدىن، خام خاسىڭغا قارىغاندا تەملىكرەك بولىدۇ. ئەلۋەتتە، خاسىڭ كۆكۈرۈپ قالغان بولسا، مەيلى خام ھالەتتە ئىستېمال قىلايلى ياكى پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلايلى، بەدەنگە ئوخشاشلا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号