ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ كۆكتات تۇخۇم بىلەن قورۇشقا بەك ماسلىشىدىكەن ئەمەسمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
   غولپىياز، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرىتىدىغان بىر خىل كۆكتات بولۇپ، ئۇزۇقلۇق ماددا تەركىبى، ھەتتا ئادەتتىكى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىنمۇ يۇقىرى، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئسىتېمال قىلىشىغا ئېرىشكەن؛ تۇخۇممۇ تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىك ماتېرىيالى، تەركىبىدە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرى بار بولۇپ، غولپىياز بىلەن تۇخۇم بىرلەشسە، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، تولىمۇ تەملىك ھەم ساغلام بىر خىل قورۇما تەييار بولىدۇ.
غولپىياز تۇخۇم قورىمىسىنى قورۇش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، يېمەكلىك ماتېرىياللىرى تەييار قىلىنىدۇ: غولپىياز، تۇخۇم، قىزىل لاز، ئۆسۈملۈك مېيى، تۇز، تېتىتقۇ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قاتارلىقلار.
   ئىككىنچى قەدەمدە، غولپىيازنى قەلەمچە شەكلىدە توغرايمىز، قىزىل لازىنى قەلەمچە شەكلىدە توغرايمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ، قازاندا قىزىتقان مايغا سېلىپ قاتۇرىمىز ھەمدە قاتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇسۇپ ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز؛
   تۆتىنچى قەدەمدە، قازانغا يەنە مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ، غولپىيازنى سېلىپ چوڭ ئوتتا قورۇيمىز، غولپىياز ئازراق يۇمشىغاندىن كېيىن تۇخۇمنى سالىمىز، كەينىدىن بىرلاۋا قىتتا قىزىل لازىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
   بەشىنچى قەدەمدە، ئاخىرىدا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، تېتىتقۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ نەچچە مالتىلاپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
غولپىياز تۇخۇم قورىمىسىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   غولپىياز تۇخۇم قورىمىسى، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول؛ بۇ قورىمىنىڭ ۋىتامىنC تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق مېڭە قان تومۇرلىرىدا نۆكچە كۆرۈلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياشانغانلار گالۋاڭلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   بۇندىن باشقا، غولپىياز تەركىبىدىكى مىۋە يىلىمى ۋە سېلىن ماددىسىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ راك ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇش، راكقا قارشى تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.
   ئاخىرىدا، غولپىيازنىڭ باكتىرىيە يوقىتىپ ياللۇغ ياندۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، سۇغۇقتىن بولغان زۇكام، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن ماڭقا ئېقىش قاتارلىق كېسەللىك ۋە ئالامەتلەرنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. تۇخۇم تەركىبىدىكى مول مىقداردىكى ئاقسىللار، ھارغىنلىقنى يوقىتىپ، ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号