ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چەتئەلدىكى 7ئايلىق بوۋاق شەھەر باشلىقلىقىغا سايلاندى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   "خەۋەر ھەپتىلىك ژورنىلى"نىڭ 16-دىكابىر خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 7ئايلىق چوڭلۇقتىكى بوۋاق—ۋىليام.چارلىز.مىكمىللىيان، ئامرىكىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك شەھەر باشلىقىغا ئايلاندى؛ ئۇ، ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدىكى ۋايتىھول شەھىرىنىڭ پەخرى شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.
   ئەينى كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30مىنۇت ئەتراپىدا، چارلىز قالغاچ قۇيرۇقلۇق مۇراسىم كىيىمى كىيىپ، شەھەر باشلىقىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى؛ بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى چاد بىلەن نەنسىي يان تەرەپتە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ تۇردى. ئەينى جايدىكى ئاھالە كومېتىتى ئەزالىرىدىن تەخمىنەن 150نەپەر ئادەم بۇ قېتىملىق تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، تارىختىن بۇيانقى يېشى ئەڭ كىچىك بۇ شەھەر باشلىقىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
   مۇراسىمغا قاتناشقان 41ياشلىق جوش.فۇلتىز، تېكساس شىتاتى ناۋاسوتا بازىرىدىكى بىر پارلامىنت ئەزاسى؛ ئۇنىڭ دېيىشىچە، پۈتكۈل مۇراسىم جەريانىدا، چارلىز پەقەت ئورنىدىلا ئولتۇرغان بولۇپ، قارىماققا پەقەت بىر خۇشاللىققا تولغان بالىغىلا ئوخشايتتى.
   فۇلتىزنىڭ ئېيتىشىچە، پۈتكۈل مۇراسىمنى، چارلىزنىڭ ئاتا-ئانىسى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئىلگىرىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىملىرىغا ئوخشاش بولغان، پەقەت كۆلىمى كىچىكرەك بولغان. تېخى بوۋاق ھالىتىدە بولغان "كىچىك شەھەر باشلىقى"، قارىماققا ناھايىتى ئوماق كۆرۈنگەچكە، مۇراسىم مەيدانىدىكىلەنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ باققۇسى كېلىپ كەتكەن.
   چارلىزغا ھەتتا ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان قىلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش قەسەمنامىسى تەييارلاپ بىرىلگەن.: "مەن، ۋىليام. چارلىز.مىكمىللىيان، بۇ يەردە شۇنىڭغا قەسەم بىرىمەنكى، مەن كەلگۈسىدە ۋايتىھول شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپەمنى ساداقەتلىك بىلەن ئورۇنلايمەن ھەمدە پۈتۈن كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ ھەر بىر ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن؛ بالا بېقىۋىلىش ئىشلىرى ۋە پاكىزە يېزا-قىشلاق تۇرمۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يوللارنى ياخشىلايمەن؛ ئوت ئۆچۈرۈش ئەزالىرىغا پىرەنىك تارقىتىپ بىرىپ، ۋايتىھول شەھىرىدىكى مەھەللىلەرنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن؛ شۇڭا، دادا، ئاپا، ماڭا ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن!"
   خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى، شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسى، ۋايتىھول شەھىرى پىدائىيلار ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئۆتكۈزگەن ئىئانە توپلاش يېغىلىشىدا كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلىدىغان بولۇپ، باھانى ئەڭ يۇقىرى قويغانلار بۇ بىر شەرەپلىك نامغا ئېرىشىدىكەن. 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، چارلىز بۇ يىللىق يېڭىپ چىققۇچىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا تارىخىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك شەھەر باشلىقى دۇنياغا كەلگەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号