ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كالورىيەنى بىلمىسىڭىز نېمە يېگىنىڭىزنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەييارە ۋاقتى : 2017-07-13 كۆرۈلىشى : قېتىم

بىز ھەمىشە ھامبۇرگ بولكىسى، تورت قاتارلىقلارنىڭ كالورىيەسى يۇقىرى، بىر قېتىم يېگەندە نەچچە سائەت ھەرىكەت قىلغاندا ئاندىن خورىتىپ بولغىلى بولىدۇ، بولمىسا بەدەنگە گۆش يېغىلىپ قالىدۇ، دېگەن گەپلەرنى ئاڭلايمىز، ئۇنداقتا بۇ كالورىيە دېگەن نېمىدۇ؟

2.3 كىلوگراملىق ئىتالىيە چۆپى بىلەن بىر چەينەك قەھۋە قايىنىتىشقا بولىدۇ.

بىر پارچە گىلاسلىق ئىرىمچىك تورتى بىلەن 60 ۋاتلىق لامپۇچكىنى 1.5 سائەت ياندۇرغىلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا كالورىيە دېگەن نېمە؟

كالورىيە بىر خىل ئېنىرگىيە بىرلىكى، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمىزدا فىزىكىدا ئېنىرگىيەنىڭ بىرلىكىنى جول دەپ ئۆگەنگەن، لېكىن بىز يېمەكلىكنىڭ ئېنىرگىيەسىنى ھېسابلىغاندا كالورىيە دەپ ھېسابلايمىز، ئەلۋەتتە بەزى جايلاردا يەنىلا جول دەپ ئىشلىتىدۇ، يېمەكلىكنى ھېسابلاشتىن سىرىت كالورىيە يەنە ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئېنىرگىيەسىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:217 تال قوش قەۋەتلىك ھامبۇرگ بولكىسىنىڭ كالورىيەسى بىلەن ئاپتوموبىلنى 35 كىلومېتىرغا ھەيدىگىلى بولىدۇ، مانا بۇ كالورىيە، يېمەكلىكتىن ئېلىنغان كالورىيەنى ھەرىكەت ئارقىلىق خوراتقىلى بولىدۇ.

بىر كۈندە يەيدىغان نەرسىلىرىمىزدىكى كالورىيەنى ھېسابلاپ باقايلى.

ئەتىگەندە

بىر ئىستاكان مايسىزلاندۇرۇلغان سۈت  100 كالورىيە

سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم بىر تال 80 كالورىيە

سۇلۇ بولكىسى 2 تال 120 كالورىيە

چۈشتە

كالا گۆشى ئۈگرىسى بىر قاچا 550 كالورىيە

چۈشتىن كېيىن

روھىنى كۆتۈرىدىغان قىزىل چاي بىر ئىستاكان 100 كالورىيە

ئالما بىر تال 80 كالورىيە

سودا قوشۇلغان پېچىنە 3 پارچە 80 كالورىيە

كەچتە

ئاق گۈرۈچ ئاش بىر چىنە 200 كالورىيە

قىزارتىپ قورۇلغان كالا گۆشى بىر كىشىلىك 300 كالورىيە

كۆكتات قورۇمىسى بىر كىشىلىك 80 كالورىيە

پەمىدۇر تۇخۇم شورپىسى بىر چىنە 100 كالورىيە

ئۇخلاشتىن بۇرۇن

بىر ئىستاكان ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت 100 كالورىيە

جەمئىي 1890 كالورىيە بولىدۇ.

ئەمدى بۇ ئىچىمىزگە كىرگەن كالورىيەنى قانداق خورىتىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

ئىشقا بارغان كەلگەندە پەلەمپەيدىن چۈشۈپ چىقىش 200 كالورىيە

ھاجەتكە 4 قېتىم چىقىش 375 كالورىيە

چىراي ئىپادىسىنى كەسكىن ھالەتتە تۇتۇش 150 كالورىيە/سائەت*0.5 سائەت

قاقاقلاپ كۈلۈش 5 كالورىيە/مىنۇت*20 مىنۇت

جىم ئولتۇرۇپ ھاڭۋېقىش 64 كالورىيە/سائەت*1سائەت

كومپىيۇتىردا خەت بېسىش 120 كالورىيە/سائەت*4سائەت

كاللىنى ئىشلىتىش 90 كالورىيە/سائەت*4 سائەت

چۈشلۈك ئۇيقۇ 110 كالورىيە/سائەت* بىر سائەت

ئۈستەللەرنى يېغىشتۇرۇش 24 كالورىيە

جەمئىي 1788 كالورىيە بولۇپ، يېگەن كالورىيە بىلەن تەڭپۇڭ بولدى.

ئادەتتە يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەكلىكلەر ئىچىدە مايدا پىشۇرۇلغانلىرى كۆپرەك بولىدۇ، مەسىلەن: پىلتە قۇيماق، بەرەڭگە قەلەمچىسى، بەرەڭگە ياپراقچىسى، كاۋاپ، ھامبۇرگ بولكىسى قاتارلىق، يەنە بىر قىسىم تاتلىق تۈردىكىلىرى ۋە كراخماللىق يېمەكلىكلەرمۇ بار، مەسىلەن:شاكىلات، تورت، بولكا، كەمپۈت، قايماق، ماروژنا، سۈت چاي، پېچىنە، پاختا كەمپۈت، قۇرۇتۇلغان قاق قاتارلىقلار، بۇ نەرسىلەرنى قىزلار ئادەتتە بەك ياقتۇرىدۇ، قانداق قىز تاتلىق نەرسىگە ئۆچ دەيسىز؟ ئەمدى دائىم يەيدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى پارچىسى 300 كالورىيە

بەرەڭگە قەلەمچىسى  70 گرام 263 كالورىيە

ھامبۇرگ بولكىسى 563 كالورىيە

ساندىۋىچ بىر پارچە 492 كالورىيە

بىر تال قورۇلغان تۇخۇم 120 كالورىيە

بىر قاچا تەييار چۆپ 250 كالورىيە

تاتلىق تۈرۈملەر

شاكىلات بىر پارچە 280 كالورىيە

بىر تال ماروژنا 140 كالورىيە

ئالما بەلىش بىر پارچە 317 كالورىيە

پېچىنە 100 گرام 500 كالورىيە

بىر پارچە مېۋە تورت 300 كالورىيە

پارچە-پۇرات يېمەكلىكلەر ناھايىتى مەززىلىك، يەنە تېخى شەكلىمۇ بەك چىرايلىق، بولۇپمۇ بىكار قالغاندا ئۇششاق يېمەكلىكتىن ئازراق يەۋالساق ھاياتنى تولىمۇ گۈزەل ھېس قىلىمىز، لېكىن بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ كالورىيەسى خېلىلا يۇقىرى، شۇڭا يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەكلىكلەرنى دائىم يەۋالماڭلار، كالورىيەسى تۆۋەنرەك، ساغلام يېمەكلىكلەرنى يەڭلار.

كالورىيەنى ئاز-تولا چۈشەنگەندىن كېيىن ئۆلچەپ يەڭلار، بولمىسا سەمىرىپ، ئورۇقلىسام بولاتتى دەيدىغان ئىش چىقىدۇ. ئېغىزدىن كىرىپ كەتكەن كالورىيەنىڭ خورىشى ئاسان ئەمەس!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号