ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇرمۇشتىكى قوللىنىشچان ئەپچىل چارىلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بىز پەقەت ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئۆگىنىشكە ۋە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولساقلا، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە ئەپچىل چارىلەرنى بايقىيالايمىز ھەم ئۆگېنىۋالالايمىز؛ بۇ قوللىنىشچان چارىلەر، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ، بىزنىڭ بەزىبىر قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ.
   1. پوپايكا يۇغاندا، سۇنىڭ تىمپراتۇرسى ئەڭ ياخشىسى 30سىلتسىيە گىرادوستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ بۇندىن باشقا، نىيترال يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىپ، ئاخىرىدا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىلغان سۇدا چايقىۋەتسەك، پوپايكىنىڭ كىچىكلەپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
   2. قايناقسۇ قۇيغان ئىستاكاننى، چوڭراق قاچىدىكى سۇغۇق سۇغا چىلاپ، قاچىدىكى سۇغا ئازراق تۇز سېپىۋەتسەك، قايناقسۇنىڭ سۇۋۇش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.
   3. كۆكتاتلارنى پىشۇرۇپ تائام تەييارلىغان ۋاقىتتا، رومبىسىمان پاراشوكلار تىپىدىكى كىراخمال قوشۇۋەتسەك، شورپىنى قويۇق قىلغىلى ۋە كۆكتات تەركىبىدىكى ۋىتامىننى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ.
   4. شامالدۇرغۇچنى ماڭغۇزغاندا، شامالدۇرغۇچ قانىتىغا ئازراق ئائىروزىن تېمىتىپ قويساق، شامالدۇرغۇچ قانىتىنىڭ توختىماي ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۆي ئىچى خۇش پۇراققا توشىدۇ ھەمدە پاشىنى ھەيدەپ قاچۇرۇشقا بولىدۇ.
   5. تۇخۇم پىشۇرغان ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن تۇخۇمنى سوغۇق سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن قىزىق سۇغا سېلىپ پىشۇرساق، بۇنىڭدا پىشقان تۇخۇمنىڭ پوستىنى ئاسان سويغىلى بولىدۇ.
   6. قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ئىچكەندە، قايناقسۇ ئورنىغا ئۈزۈم شىرنىسى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسەك، قان بېسىمنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ، قان بېسىم بىر ئۆرلەپ بىر تۆۋەنلەپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلمەيدۇ.
   7. يېڭى سېتىۋالغان ئەنبەن تاختىنىڭ ئىككى يۈزىگە ۋە تۆت ئەتراپىغا يېمەكلىك مېيى سۈرتۈپ، قۇرىغاندىن كېيىن يەنە ئۈچ-تۆت رەت سۈرتۈپ قىلساق، تاختا ئۇزۇن چىدايدۇ.
   8. قورۇما ياكى شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالغاندا، ياڭيۇنى ئاقلاپ ئىككى پارچىلا قىلىپ توغرىغاندىن كېيىن قازانغا سېلىپ نەچچە مىنۇت قويساق، شورپىنىڭ تۇز تەمى سۇسلىشىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号