ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ياڭاقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ۋە ساغلاملىق ئۈنۈمى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-08 كۆرۈلىشى : قېتىم

ياڭاقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   ياڭاقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى، لېتسىتىن، ۋىتامىنE قاتارلىقلار ئىنتايىن مول.
   تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى، قان تەركىبىدىكى خولىستىرىن، گلېتسېرىد، ۋە تۆۋەن زىچلىك ئاقسىل قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   ۋىتامىنEنىڭ بولسا، ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئارتىرىيە قېتىشىشقا قارشى تۇرۇش، راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، "قېرىلىق دېغى" قاتارلىقلارنى يوقىتىش رولى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياڭاق، ياشانغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇق يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.
ياڭاقنىڭ ساغلاملىق ئۈنۈملىرى
تەركىبىدە كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار مول
   ياڭاق تەركىبىدە ئاقسىل ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول، ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق كۆپ خىل مىكرو ئىلمىنتلار ۋە مىنرالنى ئىلمىنتلار، كاروتىن، رىبوفلاۋىن قاتارلىق ۋىيتامىنلار مول بولۇپ، ياڭاقنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەنگە ئۈنۈملۈك ھالدا كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپ بىرەلەيدۇ.
قاننى جانلاندۇرۇش
   ياڭاقنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، بەدەندە قېپ قالغان ئۇيۇلغان قانلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بولۇپمۇ ئاياللاردا قان ئۇيۇشۇۋىلىپ ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى چىللە خۇنى پاكىزە بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارغا نىسبەتەن، ياڭاقنىڭ ياخشىلاش ئۈنۈمى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
ھۆتەلنى توختىتىپ كاناي قۇرغاقلىشىشنى ياخشىلاش
   دائىم ياڭاق يەپ بەرگەندە، كاناي سىلىق مۇسكۇلى تارتىشىش ئالامەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، بەلغەمنى بوشىتىپ كاناي قۇرغاقلىشىشنى ياخشىلاش، سوغۇقتىن كېلىپ چىققان ھۆتەلنى ياخشىلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئۈنۈملەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش
   ياڭاقنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ بۆرەك ۋە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ھۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈمى بار بولۇپ، بۆرەك ۋە ئۆپكە ئاجىزلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھۆتەلنى داۋالاش، ئۈچەي قۇرغاقلىشىشتىن كېلىپ چىققان قەۋزىيەت، بۆرەك ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان بەل ئاغرىش ۋە كىچىك تەرەت بىنورماللىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号