ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان تەييار چۆپ نېمىشقا بۈدۈرە ياسىلىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تەييار چۆپ، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان قولايلىق يېمەكلىك بولۇپ، كىچىلىرى بىرەر قاچا تەييار تۆپ چىلاپ يىيىش، كىچىلىرى ئۇخلىمايدىغان "شەپەرەڭ"لەرگە نىسبەتەن ئەڭ بەختلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا سىز بىلەمسىز؟ تەييار چۆپ نېمە ئۈچۈن تۈز ياسالماي، ئەكسىچە بۇرمىلانغان بۈدرە ھالەتتە ياسىلىدۇ؟
   بۇنىڭ ئاساسلىقى ئۈچ خىل سەۋەبى بار:
قولايلىق ھەم تىجەشلىك
   ئەگەر تەييار چۆپنى تۈز ھالەتتە تەييارلىسا، سىرتقى ئورالمىدا ئىگىلەيدىغان ھەجىمى چوڭىيىپ كېتىدۇ؛ بۇنىڭدا، تېخىمۇ چوڭ ئورالما قاپ ياساشقا توغرا كېلىپ، تەننەرخى جەھەتتە يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ھازىرقى بازاردىكىگە ئوخشاش ئەگمە ھالەتتە ئىشلىسە، بوشلۇق تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.
ئۇۋۇلۇپ كېتىشنى ئازلىتىش
   مايدا داغلاپ تەييارلانغان تەييار چۆپ، توشۇش جەريانىدا سىلكىنىپ بەرسە ياكى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ئاسانلا ئۇۋۇلۇپ كېتىدۇ؛ بۇنىڭدا، تەييار چۆپنىڭ تەمىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆزىگىمۇ سىغمايدۇ. ئادەتتە، تەييار چۆپنى ئەگمەچ بۈدرە قىلىپ ئىشلىسە، تەييار چۆپ ئاسانلىقچە ئۇۋۇلۇپ كەتمەيدۇ.
تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ
   ئەگرى ھالەتتە تەييارلانغان چۆپنى مايدا داغلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇق تېخىمۇ چوڭىيىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، تەييار چۆپنى چىلىغان ۋاقىتتا، چۆپ بىلەن سۇنىڭ ئۇچرىشىش يۈزى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭدا، چۆپ بىلەن خۇرۇچ ماتېرىياللىرى تېخىمۇ ياخشى ئۇچرىشىپ، چۆپكە تېخىمۇ تەم كىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号