ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
خاتىرىلەپ ساقلىۋىلىشقا ئەرزىگۈدەك پاساھەتلىك سۆزلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   1. ئەتە بىلەن تاساددىبيلىقنىڭ، قايسىسىنىڭ ئاۋۋال يىتىپ كېلىدىغانلىقىنى، سىز مەڭگۈ بىلەلمەيسىز!
   2. كىشىلىك ھايات قىسقىغىنا نەچچە ئون يىل؛ ھاياتلىقتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى، باشقىلارنى خۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشتۇر.
   3. كىچىك ۋاقتىمىزدا، بەخت ناھايىتى ئاددى بىر ئىش؛ چوڭ بولغاندىن كېيىن بولسا، ئاددىيلىقنىڭ ئۆزى ناھايىتى بەختلىك بىر ئىش.
   4. تۇرمۇشقا نىسبەتەن، ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ناچار بولغان نەتىجىگە يۈزلىنىشكە تەييارلىق كۆرۈش لازىم.
   5. دۇنيادا، ئۈچ خىل نەرسىنى باشقىلار تارتىۋالالمايدۇ: بىرسى ئاشقازىنىمىزغا كىرىپ بولغان يېمەكلىك، ئىككىنچىسى كۆڭلىمىزدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز، ئۈچىنچىسى قورسىقىمىزدىكى بىلىم.
   6. بىر ئادەمنىڭ خۇشاللىقى، ئۇنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىگە بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى كۆپ نەرسىلەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىغانلىقتىن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
   7. تۈنۈگۈنكىسى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن مىمۇرال چەك، ئەتىدىكىسى تېخى ۋاقتى توشمىغان ئامانەت؛ پەقەت بۈگۈنكىسىلا، سىز كونترول قىلالايدىغان نەخ پۇل.
   8. ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدىغىنى ئەس-خاتىرە، تۇتۇپ قالغىلى بولمايدىغىنى ياشلىق باھار، كۆڭۈلدىن چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىغىنى مۇھەببەت، ئۇتتۇرىۋېتىشكە بولمايدىغىنى غۇرۇر.
   9. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە بولغان سېغىنىشى، خۇددى ئېقىۋاتقان سۇغا ئوخشايدۇ، ئىزچىل تۈردە ئېقىپ تۇرىدۇ؛ پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان سېغىنىشى بولسا، شامال ئۇرغان يۇپۇرماققا ئوخشايدۇ، شامال چىقسا مىدىرلاپ قويىدۇ، شامال چىقمىسا جىم تۇرىدۇ.
   10. دۇنيادا ئىككى ئىشنى كەينىگە سوزۇپ ساقلاشقا بولمايدۇ: بىرسى ۋاپادارلىق، يەنە بىرسى ياخشىلىق قىلىش.
   11. ئاچچىقلىنىش، باشقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن ئۆزىمىزنى جازالىغانغا باراۋەر.
   12. كىچىك ئىشلارنى يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش، چوڭ ئىشلارنى تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەش لازىم.
   13. ھوقۇق ۋاقىتلىق، مال-مۈلۈك ئەۋلادلارنىڭ، پەقەت ساغلاملىقلا ئۆزىمىزنىڭ.
   14. كىشىلىك ھاياتتا، ھەممە ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ناتايىن، پەقەت ۋىجدانىمىزغا خىلاپ ئىش كۆرمىسەكلا بولىدۇ.
   15. باشقىلارغا تايانماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ خۇشاللىقىنى، مەڭگۈ ئۆز قولىڭىزدا تۇتۇڭ؛ چۈنكى، باشقىلار ھەر ۋاقىت سىزدىن ئايرىلىپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号