ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ۋىتامىنCنىڭ ھېكايىسى (2-قىسىم)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئالدىنقى قىسىمدا، ۋىتامىنCنىڭ كۆپ خىل پايدىلىق تەرەپلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق؛ مەسىلەن، ئورگانىزىم جاراھەت ئېغىزىنىڭ تېخىمۇ تىز ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۆمۈر، كالتسىي ۋە فولىن كىسلاتاسىنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىشىنى ياخشىلاش، چىش ۋە سۆڭەكلەرنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چىش مىلىكى قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بوغۇم ئاغرىش ۋە بەل-پۇت ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەنلەرگە ئوخشاش. بۇ ۋاقىتتا بەزىلەر سورايدۇ: ئۇنداقتا ۋىتامىنC ھەممىگە قادىر دورا ھېسابلانمامدۇ؟ كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولامدۇ يوق؟ زۇكامداپ قالغاندا ۋىتامىنC ئىچىشكە بولامدۇ؟
   لېكىن، بىزنىڭ تەكىتلىمەكچى بولغىنىمىز:
   1. ۋىتامىنCنى نورمىدىن ئارتۇق ئىچىشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى كۆپ؛
   2. ۋىتامىنCنىڭ ئىقتىدارلىرى ئارىسىدا، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەن بۇ تۈر يوق؛
   3. ۋىتامىنCنى ئۇزۇن مەزگىل زىيادە مىقداردا ئىستىمال قىلساق، بەدەن ئىقتىدارىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ.
ۋىتامىنC ئىچىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
   1. ۋىتامىنCنى ئاچ قوساققا ئىچسە ئەڭ ياخشى، ئەمما ھەزىم قىلىش يولى يارىسىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار، ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈشى كېرەك؛ بولمىغاندا، يارا يۈزىگە قارىتا غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، يارىنىڭ يامانلىشىپ قېلىشى، قاناپ كېتىشى ياكى تېشىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   2. بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر، ۋىتامىنCنى كۆپ ئىچسە بولمايدۇ. ئەگەر ۋىتامىنCنى ئۇزۇن مۇددەت نورمىدىن ئارتۇق ئىچسە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى زىيادە ئېشىپ كېتىش، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى يېنىپ چىقىش، ھەتتا سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ بۆرەك زەئىپلىشىش بار كىشىلەر، ۋىتامىنCنى ئاز ئىچىشى كېرەك.
   3. بىر مەزگىل زور مىقداردا ۋىتامىنC ئىچكەندىن كېيىن، ئىچىشنى تۇيۇقسىز بىراقلا توختىتۋېلىشقا بولمايدۇ؛ ئەگەر ئىچىشنى تۇيۇقسىز توختاتساق، دورىنىڭ تاشلاش رىئاكسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى ياكى قايتا قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تەدرىجىي ھالدا مىقدارنى ئازايتىپ، ئاخىرىدا ئاندىن پۈتۈنلەي توختىتىش كېرەك.
   4. ۋىتامىنCنى، ئىزونىئازىد(异烟肼)،  ئامىنوفىللىن(氨茶碱)،  سترېپتومىتسىن (链霉素)، چىڭمىسۇ ۋە سۇلفانىلامىد تۈرىدىكى(磺胺类) دورىلار بىلەن بىرگە ئىچىشكە بولمايدۇ؛ بولمىسا، يۇقىرىدىكى دورىلار شەكىللەندۈرگەن كىسلاتالىق مۇھىت سەۋەبلىك، داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ياكى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ.
   5. ۋىتامىنCنىڭ ۋىتامىنAغا قارىتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش رولى بار. بولۇپمۇ كۆپ مىقداردا ۋىتامىنCئىچكەندىن كېيىن، بەدەندىكى ۋىتامىنA بىلەن فولىن كىسلاتاسىنىڭ مىتابولىزىملىنىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ مىقداردا ۋىتامىنC ئىچىش بىلەن بىرگە، ۋىتامىنA بىلەن فولىن كىسلاتاسىنى ئىچىش مىقدارىنىڭ يىتەرلىك بولىشىغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.
   6. ۋىتامىنC بىلەن ئاسپىرىننى بىللە ئىچسە، ئاسپىرىننىڭ مىتابولىزىملىنىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دورا ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ۋىتامىنC ئىچكەن ۋاقىتتا ئادەمگىياھ ئىچىشكە بولمايدۇ.
   7. قالايمىقان دورا ئىچىش، بەدەندىكى ۋىتامىنCنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قالايمىقان دورا ئىچسەك، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزگەندىن باشقا، بەدەندىكى ۋىتامىنلارنىڭ ئېقىپ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   8. ۋىتامىنC تابلىتكىسىنى، نۇر چۈشمەيدىغان تەسكەي ئورۇندا قويۇپ ساقلاپ، سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ھەم ئۈنۈمىنى يوقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ۋىتامىنC ئىچكەندە ھايۋانات جىگىرىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ۋىتامىنC ئاسان ئوكسىدلىنىدىغان بولۇپ، مىس ئىئونى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، ئوكسىدلىنىش سۈرئىتى تىزلىشىپ كېتىدۇ؛ ھايۋانات جىگىرى تەركىبىدە مىس ماددىسى مول بولۇپ، ئەگەر ۋىتامىنC ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ھايۋانات جىگىرى ئىستېمال قىلساق، ۋىتامىنC تېز سۈرئەتتە ئوكسىدلىنىپ، بىئولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号