ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سەۋزىنىڭ بۇ خىلدىكى يىيىش ئۇسۇلىنىڭ پايدىسى كۆپ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەتتە، سەۋزىنى پولو ئەتكەندە ياكى شورپا سالغاندا ئىشلىتىمىز. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، سەۋزىنىڭ يەنە بىر خىل پايدىلىق يىيىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ ئۇ بولسىمۇ سەۋزىنىڭ سەۋزە قوشۇپ شورۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ئىچشتۇر. ھاۋانىڭ سوغۇق كۈنلىرىدە سەۋزە بىلەن گۈرۈچنى قاينىتىپ ئىچكسەك، ئاشقازاننى ئىللىتىش بىلەن بىرگە، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ۋە ئۈچەي يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
   كېتەرلىك ماتېرىيال: سەۋەزە، گۈرۈچ، شېكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ئالدى بىلەن گۈرۈچنى يۇيۇپ تەييارلايمىز.
   سەۋزىنىڭ پوستىنى ئاقلىۋىتىپ، يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن كىچىك بۇرجەكلىك ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.
   قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ، سەۋزە بىلەن گۈرۈچنى سېلىپ، چوڭ ئوتتا يېرىم سائەت قاينىتىمىز. سەۋزە پىشىپ يۇمشىغاندىن كېيىن، كىچىك ئوتتا يەنە يېرىم سائەت قاينىتىمىز. تاتلىق يىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئازراق شېكەر قوشۇۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، ئازراق ئالقات قوشۇپ قايناتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
سەۋزە قوشۇلغان شورۋىگۈرۈچنىڭ ساغلاملىق قىممىتى
   سەۋزە، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ، سەۋزە قوشۇلغان شورۋىگۈرۈچ، بەدەننى مول مىقداردا ۋىيتامىن، كاروتىن، ئامىنو كىسلاتالىرى ۋە مىنرالنى ئىلمىنتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ خىل شورۋىگۈرۈچنى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئىچىپ تۇرساق، ئاشقازاننى ئىللىتىش ۋە ئاشقازان ئۆتنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
   بۇندىن باشقا، سەۋزىنىڭ خەلق ئارىسىدا "يەرلىك ئادەمگىياھ" دېگەن نامى بار بولۇپ، سەۋزە تەركىبىدىكى كاروتىن ماددىسى، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىشنىڭ ۋە كېچىسى ئېنىق كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، تىرىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، قېرىپ كېتىشكە قارشى تۇرۇش رولى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号