ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇزۇن مەزگىل ھاراق ئىچكەن ئادەمنىڭ بەدىنى قانداق بولۇپ قالىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ھاراق ئىچىش بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، بۇ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى، ئىچكەن ھاراقنىڭ مىقدارى ۋە تۈرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
   ئاق ھاراق ئىچىشنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇشقا كەلسەك، مەن تونۇيدىغان بىر ئادەم، ھاراقنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان بولۇپ، ھەركۈنى ئاق ھاراق ئىچەتتى، كىيىنچە جىگەر قېتىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپلا قالماي، يەنە بىر خىل غەلىتە كېسەللىككە گېرىپتار بولۇپ قالدى—يەتتە يىلدىن بىرى، ئۇنىڭ بويۇن قىسمىدىكى ئۆسمە بارغانسېرى يوغىناپ، سىرتقىمۇ چىقالمايدىغان بولۇپ قالدى. دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسە، مۇتەخەسسىسلەر كېسەللىك سەۋەبىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچىش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلاپ چىقتى.
   بۇ يەردە مىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىم، ئەگەر سىز زىيادە كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەرنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويىشىڭىز كېرەك.
نىرۋا سىستىمىسىغا زىيان يەتكۈزۈش
   زىيادە مىقداردا ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئاق ھاراق ئىچكەن ئادەمنىڭ، مەركىزى نىرۋا سىستېمىسى زور دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچرايدۇ؛ چۈنكى، ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرت بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، قان سۇيۇقلۇقىغا ئەگىشىپ چوڭ مېڭىگە يىتىپ بارىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك نىرۋا سېستىمىسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇزۇن مۇددەت ياكى كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىپ ئادەتلەنگەن نۇرغۇن كىشىلەردە، نىرۋا پارالىچى ياكى پۇت-قوللىرىنى كونترول قىلالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىغا زىيان يەتكۈزۈش
   ئىسپىرت ئادەم بەدىنىگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆپ قىسىمى ئاشقازان ئۈچەي يوللىرى تەرپىدىن سۈمۈرىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلايدۇ ۋە زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، زىيادە مىقداردا ياكى ئۇزۇن مەزگىل ئاق ھاراق ئىچىش ئادىتى بار كىشىلەردە، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى بار بولىدۇ.
جىگەرگە زىيان يەتكۈزۈش
   ئىسپىرت ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەن ئورگانىزىمى جىگەرنىڭ فونكىسىيىسى ئارقىلىق ئىسپىرتنى پارچىلاپ مىتابولىزىملايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، دائىم ھاراق ئىچكەندە، جىگەرنىڭ خىزمەت يۈكى ئېغىرلاپ كىتىپ، بەزىبىر جىگەر كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ.
   بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، زىيادە مىقداردا ياكى ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچىشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيانلىق تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. مېنىڭچە بولغاندا، ھاراق ئىچىشنىڭ ئۆزى چوڭ مەسىلە ئەمەس، ئەمما مىقدارنى چوقۇم قاتتىق كونتىرول قىلىش كېرەك.
   ياش ئۆسمۈرلەر ۋە ياشانغانلار، ھامىلدار ئاياللار توپىغا نىسبەتەن، ھاراقنى چوقۇم ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك كېرەك. قورامىغا يەتكەن ئەرلەر نىسبەتەن، جۇڭگۇ ئۇزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەر كۈنلۈك قوبۇل قىلىدىغان ئىسپىرت مىقدارى 25گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ بۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا، 38گىرادوسلۇق ئاق ھاراققا نىسبەتەن، بىر كۈندىكى قوبۇل قىلىش مىقدارى 75گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئۈزۈم ھارىقىغا نىسبەتەن، بىر كۈندىكى قوبۇل قىلىش مىقدارى 250گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، پىۋىغا نىسبەتەن، بىر كۈندىكى قوبۇل قىلىش مىقدارى 750 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. قورامىغا يەتكەن ئاياللارغا نىسبەتەن، ھەركۈنلۈك قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، بىر كۈندە قوبۇل قىلغان ئىسپىرت مىقدارى 15گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، پىۋا ئىچكەن تەقدىردىمۇ 450مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
   ھاراقنى ئاز مىقداردا ئىچكەندە، كەيپىياتنى كۆتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك پايدىلىق رولى بار؛ لېكىن مىقدار ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، بەدەنگە بولغان زىيانلىق تەسىرىنى مۆلچەرلەپ يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا، ھاراقنى ئىمكان قەدەر ئاز ئىچىش ياكى مۇمكىن بولسا ئىچمەسلىك كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号