ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن ئاتا-ئانا ئېغىزىدىن چىقارسا بولمايدىغان سۆزلەر

يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان « ئىس - تۈتەكسىز ئۇرۇش » تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرلا ئەمەس ھەم يەنە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ يۈكسەك جىددى ھالەتكە ئۆتۈپ بولدى.جىددىيلىشىشنىڭ يولى باشقا، بىراق بەزى سۆزلەرنى ئەڭ ياخشىسى بالىلارغا يەڭگىلتەكلىك بىلەن قىلمىغان تۈزۈك.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار ئېغىزىدىن چىقارسا بولمايدىغان بىرىنچى سۆز:" نىشانىڭنى ئەستىن چىقارما! مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ھەم مەغلۇپ بولۇش مۇشۇ بىر ئىمتىھانغا باغلىق".
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ كىشلىك ھاياتتىكى رولى ھەدىدىن زىيادە كۆپتۈرۈلۈپ تەكىتلىنىپ، ناۋادا بالا نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتەلمىسە، ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قاراش. بۇنداق بولغاندا بالىغا بىسىم ئېغىرلاپ ، كەيپىياتىغا زور تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ كىشلىك ھاياتتىكى رولىنى توغرا چۈشۈنۈش، ئۇنىڭ كىيىنكى بىلىم ئېلىش يۈنۈلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتسىمۇ بىراق مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى بىردىن بىر يول ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قېلىش، ھەم بالىغا مۇشۇ ھەقتە سۆزلەش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بالا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىمتىھاندىن كېيىنكى ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
دۇنيادىكى بارلىق يوللار رىمغا تۇتىشىدۇ، ھاياتتا تاللاش يوللىرى نۇرغۇن!

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار ئېغىزىدىن چىقارسا بولمايدىغان ئىككىنچى سۆز:" غەيرەت قىل! بىز سېنىڭ غەلبە بىلەن قايتىشىڭىزنى كۈتىمىز!"
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر خىل ئىقتىدار سىناش سىنىقى، ئاتا-ئانىلار ئەمەلىيەتچىل بولمىغاندا بالىدىكى بىسىم تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن" غەيرەت قىل، جىددىيلەشمە، ئۆز ئىقتىدارىڭنى جارى قىلىشقا تىرىشقىن!" دىيىش كېرەك. بۇنداق دىگەندە مەلۇم نىسبەتتە بالىدىكى پىسخىك بىسىمنى يىنىكلەشتۈرۈپ، بالىدا ئاتا –ئانام ئىمتىھان نەتىجەمگە باققاندا، ماڭا كۆپىرەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن دىگەن قاراش تىكلىنىپ، جىددىلىكى پەسىيىدۇ.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار ئېغىزىدىن چىقارسا بولمايدىغان ئۈچۈنچى سۆز: " ئىمتىھان بەرگۈچە سۇئاللارنى ئەستائىدىل كۆر، بىلىدىغانلىرىڭغا قالدۇرماي جاۋاپ ياز، بەلكىم بىر نۇمۇر كاملاپ قالسىمۇ ياخشى مەكتەپكە كىرەلمەي قېلىشىڭ مۇمكىن".
بۇنداق پاراڭنى ئوقۇتقۇچىسى كۈندە بالىڭىزغا سىنىپتا سان ساناقسىز قېتىم ئېيتىپ بولغان بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز يەنە ئەزمىڭىزنى ئېزىپ ئولتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى بالىڭىزمۇ ئۆزى بىلىدىغان بىلىملەرنى قالدۇرماي يېزىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، سىز يەنە دىسىڭىز ئۇنىڭ نېرۋىسىنى چاچقاندىن باشقا ياخشى ئىش يوق.
ئۇنىڭدىن سىز بالىڭىزغا" بىلگىنىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىمتىھانغا چىقىشىنى، جاۋاپلىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بولىشىنى ئۈمىد قېلىمەن!' دىگىنىڭىز ياخشى، ياكى ئۇنىڭغا كەيپىياتنى كۆتۈردىغان چاقچاقلارنى قىلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ بىر نۇمۇرنىڭ ۋەھىمىسىدە تۈگۈشۈپ كەتكەندىن كۆپ ياخشى.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار ئېغىزىدىن چىقارسا بولمايدىغان تۆتىنچى سۆز:" ھازىر سېنىڭ قانچىلىك تەكرار قىلغانلىقىڭ ئايان بولىدىغان پەيىت كەلدى، دىققەت قىل-ھە!"
ھازىرقى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ، ئاتا-ئانىلار بۇنى يەنە تەكىتلەپ ئولتۇرسا، بالىنىڭ ئەسلىدىنلا داۋالغۇپ تۇرغان كەيپىياتى تېخىمۇ چالغىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن،" ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سېنىڭ ئادەتتە قانچىلىك نەرسە ئۈگەنگىنىڭنى سىنايدىغان بىر ئىمتىھان خالاس، قوقما! جىددىيلەشمە! بىلگىنىڭنى يازساڭلا بولدى!" دىگەندەك گەپلەرنى قىلىڭ، بالىڭىز تەكرارنىڭ مۇھىملىقىنى سىزدىن ئوبدان بىلىدۇ، بىراق تەكرار ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ يۇقۇرى تۈۋەنلىكىنى بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئىمتىھان سۇئالى بەلكىم غەلىتە، تەس ياكى بىر تەرەپلىمە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار ئېغىزىدىن چىقارسا بولمايدىغان بەشىنچى سۆز: يەنە ئازىراق غەيرەت قېلىۋەت، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ياخشى بېرىۋەتسەڭلا بىزمۇ سەنمۇ ئازات بولۇپ قالىمىز."
بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغان بالا، ئۆزىنى ئائىلىنىڭ يۈكىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسىغا ئۆزى سەۋەپچى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ناۋادا جاھىل، تەتۈر مىجەز بالا بولسا ئاچچىقى كەلسە يېنىپمۇ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېسياتىڭلارغا تەسىر يېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن" بالام يەنە ئازىراق غەيرەت قېلىۋەت، ئىمتىھاندىن كېيىن ساياھەت قېلىپ كېلەيلى!' دىسىڭىز نىمە بولىدۇ؟ ئۇنىڭدا بالا ئاتا-ئانام مېنىڭمۇ تىرىشىۋاتقانلىقىمنى بىلىدىكەن دەپ ئويلايدۇ، ھەم يەنە ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھرى مۇھەببىتىنى ھېس قىلىدۇ.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار ئېغىزىدىن چىقارسا بولمايدىغان ئالتىنچى سۆز:" ئۆتەلمىسەڭ ھېچقىسى يوق، تەكرارنى ياخشى قېلىپ،كىلەر يىلى قايتا بەرسەك بولىدۇ."
نۇرغۇن ئاتا ئانىلار مۇشۇنداق دىسەك بالىنىڭ بىسىمىنى يىنىكلىتەلەيمىز دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا زور كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلار بۇ سۆزدىن شۇنداق بىزار، ئۇلار"- ئىمتىھان بەرمەي تۇرۇپ مۇشۇنداق دەۋاتىدۇ، ئاتا-ئانام مېنىڭ قابىلىيىتىمگە ئىشەنمەيدىكەن،" دەپ قارايدۇ.