ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھەسەلنى ئۆيدە قانداق ساقلاش كېرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەسەل ياخشى نەرسە، ئەمما ساقلىماق تەس؛ ئەمەلىيەتتە، ساقلاش تەس دىيىشمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى، ساپ ھەسەل ئاسانلىقچە بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، ئەمما بازاردا، پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن ساپ ھەسەل تاپماق تەس. باشقا تەركىبلەر قوشۇلغان ھەسەلنى ساقلىماق ئوڭاي ئەمەس، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرىدە ھاۋا ئىسسىق ھەم نەمخۇش بولغاچقا، ھەسەل ھاۋادىكى سۇ پارلىرىنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ، يۇقىرى تىمپىراتۇرا ئاستىدا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا، ھەسەلنى قانداق ساقلاش كېرەك؟
ھەسەل ساقلانغان قاچىنىڭ ماتېرىيالى
   ھەسەل ئاجىز كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، شۇڭا مىتاللار بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتا، ئاسانلا ئوكسىدلىنىش رىئاكسىيەسى ھاسىل قىلىپ، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنىك قاتارلىق مىتال ئىئونلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك ھەسەلنىڭ رەڭگىنى قارىدىتىپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. بۇ خىل ھەسەلنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن، بەزىلەردە ھەتتا كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇپ ياندۇرۇش قاتارلىق يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەسەلنى مىتال قاچىدا ساقلاشقا بولمايدۇ، بەلكى ساپال، ئەينەك، زەھەرسىز پىلاستىر قاتارلىق ماتېرىياللاردا ياسالغان قاچىلاردا ساقلاش كېرەك.
ھەسەلنىڭ ساقلىنىش شارائىتى
    1. ھەسەلنى، كۈن چۈشمەيدىغان تۆۋەن تىمپراتۇرىلىق، قۇرغاق، پاكىزە، ھاۋا ئۆتىشىدىغان، تىمپىراتۇرا 10-5سىلتسىيە گىرادوس بولغان، نەملىك دەرىجىسى %75دىن ئېشىپ كەتمىگەن مۇھىتتا ساقلاش كېرەك.
   2. ھەسەل ساقلايدىغان قاچىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئەتمەك لازىم. ھەسەل، ھاۋادىن سۇ تەركىبلىرىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ھەسەل ئەگەر بەك كۆپ سۇ تەركىبى سۈمۈرۋالسا، قويۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ھەر قېتىم ھەسەل بۆلۈپ ئالغاندىن كېيىن، قاچىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ، ھەسەلنىڭ ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئىمكان قەدەر ئازايتىش كېرەك.
ھەسەل ساقلاشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
   1. سۈپىتى ياخشى ھەسەل، 18-15سىلتسىيە گىرادوستىن تۆۋەن مۇھىتتا، قېتىشىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، رەڭگى ئاق ياكى سۇس سېرىق رەڭدىكى كىرىستالسىمان ھالەتكە ئايلىنىدۇ.
   2. ئەلا سۈپەتلىك ساپ ھەسەلنى ساقلىماق نىسبەتەن ئاسان، ئەمما بازاردىكى سۈپىتى ناچار ھەسەللەر ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇزۇن ساقلاپ ئىستىمال قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى تەبىئىي ئىشلەنگەن سۈپەتلىك ھەسەل تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك.
   3. ئەگەر پىشمىغان ھەسەل بولسا، توڭلاتقۇنىڭ سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىغا سېلىپ ساقلاش كېرەك. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەسەلگە سۇ تەركىبى ئارىلىشىپ قالسا بولمايدۇ؛ ھەسەلنى بۆلۈك ئالغاندىمۇ، قوشۇقنىڭ چوقۇم قۇرۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بولمىسا ھەسەل ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号