ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك قوشكېزەك ئوغۇل تۇغۇلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەنگېلىيە ۋارتىل ئايمىقىدىكى بىر جۈپ قوشكېزەك ئوغۇل، ئانىسى ھامىلدار بولغىلى 23ھەپتە بولغاندىلا ئۇلارنى بالدۇر تۇغۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك قوشكېزەك ئوغۇلغا ئايلانغان.
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، تالىيا ھامىلدارلىق 23-ھەپتىسىدىلا، بىر جۈپ قوشكېزەك ئاشىلىي بىلەن جوينى تۇغۇپ قويغان؛ ھەر ئىككى بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئېغىرلىقى بىر قاداققىمۇ(0.9جىڭ) يەتمەيدىغان بولۇپ، جوي 0.86جىڭ ئېغىرلىقتا، ئاشىلىي 0.8جىڭ ئېغىرلىقتا تۇغۇلغان. ئۇلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا، تالىيانىڭ ئالقىنىدىن ئازراقلا چوڭ بولۇپ، ئېغىرلىقى ھەتتا 500مىللىلىتىرلىق بىر بوتولكا سۇچىلىكمۇ كەلمەيتتى.
   بۇنداق كىچىك بوۋاقنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى مىليوندىن بىر بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە ساق 129كۈننى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ئاخىرى دوختۇرخانىدىن ساق سالامەت چىققان، ھازىر ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى كىتىپ بارماقتا.
   تالىيانىڭ دېيىشىچە، دەسلەپ تۇغۇلغان ۋاقتىدا، ئىككى بوۋاقنىڭ تىرىسى ئىنتايىن نېپىز بولغاچقا، تالىيا بالىسى تۇغۇلۇپ بەش ھەپتىدىن كېيىن، ئاندىن بالىلىرىنى تۇنجى قېتىم قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرەلىگەن. بىراق، بۇ قېتىملىق كەچمىشتىن كېيىن، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كەتكەن.
   ھازىر، بۇ بىر جۈپ تەلەيلىك ئاكا-ئۇكا، يەنىلا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئوكسېگىن خالتىسى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنى قەرەللىك تۈردە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号