ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى ئەڭ قارا توخۇ، تۇخۇمىمۇ كۆمۈردەك قارا ئىكەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
   دۇنيادىكى تۇغۇلما قارا رەڭلىك جانلىقلار تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئىسىگە ئالىدىغىنى، بەلكىم قاغا بولۇشى مۇمكىن. قاغىدىن باشقا، يەنە قارا توخۇمۇ بار. قارا توخۇ ئادەتتە قارا سۆڭەكلىك توخۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
   ئادەتتىكى توخۇ گۆشىگە قارىغاندا، قارا توخۇ گۆشى تېخىمۇ يۇمران، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كېلىدۇ. دورىلىق قىممىتى جەھەتتە، ئادەتتىكى قۇش تۈرلىرى قارا توخىغا يىتەلمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ قارا توخۇ بېقىش تارىخى، 2000يىلدىن ئاشىدۇ.
   لېكىن دۇنيادا، يەنە بىر خىل قارا توخۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، بىز ئادەتتە ئۇچرىتىدىغان قارا توخۇدىنمۇ كۆپ قارا، ھەتتا ئۇنىڭ تۇغقان تۇخۇمىمۇ، كۆمۈرگە ئوخشاش قارا؛ ئەمما باھاسى، بىز ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن قارا توخۇنىڭ نەچچە ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ توخۇنىڭ، تۇمشۇقى، كۆزلىرى، پۇتلىرى قاپقارا بولغاندىن باشقا، تىرىسى، مۇسكۇللىرى، سۆڭىكى ۋە كۆپ قىسىم ئىچكى ئەزالىرىمۇ قارا رەڭلىك.
   بۇ توخۇنى ئىسمى، لامبورگىنى توخۇسى(兰博基尼鸡)؛ بۇ ئىسىمدىنلا، ئۇنىڭ ئادەتتىكى توخۇغا قارىغاندا چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. بۇ توخىمۇ قارا توخىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ھىندونىزىيىدىن تارقالغان، ھەر بىرسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 2500ئامرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 15350يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) كېلىدۇ.
   لامبورگىنى توخىسىنىڭ پاچىغى، مۇسكۇللىرى، سۆڭىكى ۋە ئىچ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قارا رەڭدە؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكى قارا توخۇغا قارىغاندا تېخىمۇ قارا رەڭدە بولۇپ، ئاخشىمى قاراڭغۇ چۈشكەندىن كىيىن، كۆز بىلەن كۆرۈپ پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.
   لامبورگىنى توخىسى، نۇرغۇنلىغان يېغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرى چۈشىدىمۇ ئىنتىلىدىغان جانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى، بۇ توخۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە ھەم ئاز ئۇچرايدۇ. ھىندىنوزىيەدە بولسا، نۇرغۇنلىغان مۇراسىملاردا، كىشىلەرنىڭ بۇ خىل لامبۇرگىنى توخىسى يەيدىغان ئادىتى بار.
   بۇنىڭ بىلەن بىرگە، لامبۇرگىنى توخۇسى، ئەينى جايدىكى كىشىلەر ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كىلەلەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ھىندىنوزىيەدە، نۇرغۇن ئائىلىلەردە بۇ خىل توخۇ بېقىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يىرى شۇكى، بۇ توخۇنىڭ تۇخۇمىمۇ كۆمۈردەك قارا كېلىدۇ.
   ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىشىچە، لامبورگىنى توخۇسى تالا رەڭ ماددىسى كۆپىيىپ ئۆسۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، بۇ خىل گېن ئۆزگىرىشى، رەڭ ماددىسىنىڭ ھۈجەيرە بولۇپ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. لامبورگىنى توخۇسى بەدىنىدە، قارا رەڭ ماددىسى، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى قارا رەڭگە بۇيۇۋەتكەن بولىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ توخۇلار تۇغقان تۇخۇممۇ قارا رەڭلىك بولىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号