ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تەتقىقاتچىلار قاغىنى تازىلىق ئىشچىلىقىغا كۆندۈرمەكچى بولۇشتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، يېقىندا گوللاندىيەلىك ئىككى نەپەر سانائەت لايىھەلىگۈچى، قاغىنى تاماكا قالدۇقى تىرىش ئارقىلىق يىمەكلىك ئالماشتۇرۇشقا مەشىق قىلدۇرۇپ كۆندۈرەلەيدىغان ماشىنىدىن بىرنى لايىھەلەپ چىققان؛ بىراق، بۇ لايىھە ھەددىدىن ئارتىق غايىۋىلىشقان بولغاچقا، ھەرخىل تۈردىكى بەس مۇنازىرىلەرگە ئۇچرىغان.
   بۇ ئىككى لايىھەلىگۈچى، روبىن بىلەن باب، ئۇلارنىڭ بۇ لايىھەنى ئوتتۇرغا قويۇشتىكى ئەسلى مەقسىتى، ئامىستىردام باغچىلىرىدىكى تاماكا قالدۇقلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. ئىككەيلەن دەسلەپتە ماشىنا ئادەمدىن پايدىلىنىپ تازىلاشنى ئويلاشقان؛ بىراق، ماشىنا ئادەم باغچا كوچىلىرىدا ماڭغاندا، پىيادىلىكلەر ۋە ۋەلىسپىت مىنگەنلەردىن ئۆزىنى قاچۇرالماسلىقتەك بىر قاتار قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىدىكەن. شۇڭا ئىككەيلەن كىيىنچە دىققىتىنى شەھەردىكى سانى زور بولغان قۇش تۈرىگە قاراتقان. ئۇلار باشتا كەپتەرنى مەشىقلەندۈرۈشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما كەپتەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە بولغاچقا، ئىككەيلەن ئەڭ ئاخىرىدا دىققىتىنى ھەم ئەقىللىق ھەم سانى كۆپ بولغان قاغىلارغا قاراتقان.
   قاغا، يەر شارىدىكى ئەڭ ئەقىللىق جانلىقلار تۈرىنىڭ بىرى؛ روبىن بىلەن باب، جورشۇئا كېلىننىڭ قاغا قۇتىسى لايىھەسىدىن پايدىلىنىپ،  ئۈسكۈنە تەخسىسىگە تاماكا قالدۇقى بىلەن يىمەكلىكنى قويساق، قاغا يىمەكلىك بىلەن تاماكا قالدۇقىنى بىر-بىرىگە باغلاشتۇرالايدۇ دەپ قارىغان. روبىن بىلەن باب ئالدى بىلەن قاغىنى مەشىقلەندۈرۈشنى پىلانلاپ، قاغىغا تاماكا قالدۇقىنى ئۈسكىنە ئىچىدىكى تەخسىگە سالسا، ئۈسكىنە ئاپتۇماتىك ھالدا يىمەكلىك چۈشۈرىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن. ئاخىرىدا قاغا يىمەكلىكلنى ئېلىپ كىتىپ تاماكا قالدۇقىنى قالدۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، قاغا ئۈسكۈنە چۈشۈرۈپ بەرگەن يىمەكلىكنى يىيىشكە ئادەتلىنىپ، تۆت ئەتراپتىن تاماكا قالدۇقى ئىزدەشكە باشلايدۇ.
   بىراق، بەزىلەر، قاغا ھەمىشە زەھەرلىك ماددىلارغا تولغان تاماكا قالدۇقىغا ئۇچراشسا، ئۇلارغا قارىتا زىيانلىق بولىدۇ دەپ قارىغان؛ ئەمما بۇ ئىككى نەپەر لايىھەلىگۈچى بولسا، "قاغىغا زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا تەبىئەتكە پايدىلىق بولىدۇ" دەپ قارىغان. نۆۋەتتە، بۇ ئىككەيلەننىڭ تەتقىقاتى ۋە تەجىربىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، گەرچە ھەرخىل مەسىلىلەر ساقلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككەيلەن بۇنىڭ مۇھىتقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号