ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بىز كۈندە ئىشلىتىۋاتقان تېتىتقۇ زادى قانداق نەرسە؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تېتىتقۇنىڭ خېمىيىلىك تەركىبى ناترىي گلۇتامات بولۇپ، بۇ بىر خىل تەم كۆتۈرگۈچى خۇرۇچ ماددىسى ھېسابلىنىدۇ؛ ئادەتتە سۇدا ئاسان ئىرىيدۇ، تۇز بىلەن قوشۇپ ئىشلەتكەندە، تەم تەڭشەش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. تېتىتقۇ بوغداي ئۇن سىڭىرى قاتارلىق ئاقسىللىق ماتېرياللارنى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلىنىدۇ، كىراخمال ياكى قىزىلچا شېكىرى تەركىبىدىكى پىروگلۇتامىندىن ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ بولىدۇ؛ ئەلۋەتتە، خېمىيىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق بىرىكتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ.
   تېتىتقۇنىڭ تەم كۆتۈرۈشتىن باشقا، تۇزلۇق، چۈچۈمەل، ئاچچىق تەملەرنى پەسەيتىش رولى بار. ناترىي گلۇتامات ئادەم بەدىنىدە ئاقسىلنىڭ نورمال مىتابولىزىمىغا قاتنىشىپ، ئوكسىدلىنىش جەريانىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە مېڭە نىرىپلىرى ۋە جىگەرگە قارىتا بەلگىلىك پايدىلىق رول ئوينايدۇ. قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ تېتىتقۇ ئىستىمال مىقدارىغا چەكلىمە يوق، ئەمما بوۋاقلار تېتىتىقۇ ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك.
   تېتىتقۇنىڭ تەم دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، 3000ھەسسە مىقداردىكى سۇدا ئىرىتىلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ تەمىنى يەنىلا پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ؛ لېكىن، تېتىتقۇنى پەقەت يېمەكلىك تۇز بىلەن بىرگە ئىشلەتكەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ تەمىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يىمەكلىك تۇزى ئىشلىتىلمەيدىغان تائاملارغا تېتىتقۇ قوشۇشقا ماس كەلمەيدۇ. بۇندىن باشقا، تېتىتقۇ ئىشلىتىش جەريانىدا يەنە تىمپىراتورا، ئىشلىتىش مىقدارى دېگەنلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.  تېتىتقۇنىڭ ئەڭ ئاسان ئىرىيدىغان تىمپىراتورا دائىرىسى، 90-70سىلتسىيە گىرادوس ئارىسىدا بولۇپ، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت يۇقىرى تىمپىراتۇرا شارائىتىدە تۇرسا، تېتىتقۇ ناترىي گلۇتاماتقا ئۆزگىرىپ كېتىپ، ئەسلى تەمىنى يوقىتىپلا قالماي، يەنە يىنىك دەرىجىدە زەھەرلىك ماددىلار شەكىللىنىپ قالىدۇ.
   تېتىتقۇنى ئىشلىتىش جەريانىدا، ئىلگىرى بىر مەزگىل كىشىلەرنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىغا ئۇچرىغان. كىشىلەرنىڭ تېتىتقۇنىڭ ئۇزۇقلۇق ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىلمى بولغان تونۇشى كەمچىل بولغانلىق سەۋەبىدىن، كىشىلەر تېتىتقۇنى ئۇزۇقلۇق قىممىتى يوق، ھەتتا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق دەپ خاتا قاراشتا بولغان. بەزى كىشىلەر تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلاردا باش ئاغرىش، كۆكسى سىقىلىش، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، يۈرەك ئېغىش، قوساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېتىتىقۇ ئىستىمال قىلغانلىقتىن كۆرۈپ، بۇ ئالامەتلەرنى "تېتىتقۇ ئالامەتلىرى" دەپ ئاتىۋالغان.
   تېتىتقۇ ئىشلىتىش جەريانىدا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
   1. تېتىتقۇنىڭ  ئەڭ مۇۋاپىق بولغان قۇيۇقلۇق دەرىجىسى %0.5-%0.2، ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئىرىشچانلىق تىمپىراتۇرسى 90-70سىلتسىيە گىرادوس؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، تائام تەييارلاش جەريانىدا، تاماقنى پىشىرۇپ ئۇسۇپ ئېلىش ئالدىدا ئاندىن تېتىتىقۇ قوشۇش كېرەك.
   2. سۇغۇق سەي تەييارلىغاندا، تېتىتقۇنى ئالدى بىلەن ئازراق مىقداردىكى سۇدا ئىرىتكەندىن كىيىن ئاندىن قوشۇش كېرەك.
   3. ئۆز تەركىبىدە ناترىي گلۇتامات نىسبەتەن كۆپ بولغان يىمەكلىكلەردىن(مەسىلەن، ئۆي قۇشلىرى گۆشى، تۇخۇم، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار) تائام تەييارلىماقچى بولغاندا، تېتىتقۇ قوشمىساقمۇ بولىدۇ.
   4. ناترىي گلۇتامات ئادەم بەدىنىدە مىتابولىزىملانغان ۋاقىتتا، قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى سىنىك بىلەن بىرىكىپ، بەدەندە سىنىك كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بالا ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار ۋە بوۋاقلار، تېتىتقۇنى ئىمكان قەدەر ئاز ئىستىمال قىلىشى ياكى ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك، ياشانغانلار ۋە ئۆسمۈر بالىلارمۇ ئازراق ئىستىمال قىلىشى كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号