ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قايسى خىل ئىچىملىك ئۇسسۇلۇقنى ھەممىدىن بەك باسىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قايسى خىل ئىچىملىك ئۇسسۇلۇقنى ھەممىدىن بەك باسىدۇ؟ ئاقسۇ، چاي ياكى گازلىق سۇ؟ بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەس! شوتلاندىيەلىك ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، بەدەنگە ھەممىدىن بەك سۇ تۇلۇقلايدىغان ئىچىملىك، تەركىبىدە سۈت شېكىرى، ئاقسىل ۋە ياغلار بار بولغان ئىچىملىك ئىكەن.
   ئۇسساپ قالسىڭىز، سىز ئەلۋەتتە سۇ ئىچسىڭىز بولىدۇ. لېكىن شوتلاندىيە سان ئاندىرىۋ داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاق سۇ ئۇسسۇزلۇقنى ئەڭ قاندۇرىدىغان ئىچىملىك ئەمەس ئېكەن.
 تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، سۇ(ئاق سۇ ۋە سۇدا سۈيى) گەرچە بەدەنگە تىز سۈرئەتتە سۇ تولۇقلىيالىسىمۇ، ئەمما ئازراق قەنت، ياغ ياكى ئاقسىل تەركىبى بولغان ئىچىملىكلەرنىڭ سۇ تۇلۇقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتنىڭ باشلامچىسى، سان ئاندىرىۋ داشۆسى تىبابەت شۆيەنىنىڭ پىروففىسورى رونالدو.موئىننىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭدىكى سەۋەب بىزنىڭ بەدىنىمىزنىڭ ئىچىملىككە ئىنكاس قايتۇرۇش مىخانىزىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئامىل: ئىچكىنىمىز قانچىكى كۆپ بولسا، ئىچىملىكنىڭ ئاشقازاندىن چىقىرۋىتىلىشى ۋە قان سۇيۇقلۇقى تەرپىدىن سۈمۈرۈلۈش سۈرئىتى شۇنچە تىز بولىدىكەن ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەدەن سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، بەدەنگە سۇ تەركىبى تۇلۇقلايدىكەن.
   ئىچىملىكنىڭ بەدەنگە سۇ تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە بىر ئامىل، ئىچىملىكنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەسىلەن، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، كالا سۈتىنىڭ سۇ تۇلۇقلاش ئۈنۈمى، ھەتتا ئاق سۇنىڭكىدىنمۇ ياخشى ئىكەن؛ چۈنكى، كالا سۈتى تەركىبىدىكى سۈت شېكىرى، ئاقسىل، ياغ قاتارلىق تەركىبلەر، سۇيۇقلۇقنىڭ ئاشقازاندىن چىقىرۋىتىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقا پايدىلىق بولۇپ، سۇ تۇلۇقلاش ئۈنۈم ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ.
   كالا سۈتى تەركىبىدە يەنە ناترىيمۇ بار؛ ناترىي ماددىسى بولسا خۇددى بۇلۇتقا ئوخشاش بەدەندىكى سۇ تەركىبلىرىنى تۇتتۇپ قالىدۇ ھەمدە سۈيدۈك شەكىللىنىش مىقدارىنى ئازلىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئىچى سۈرۈشنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان سۇيۇقلۇق دورىلارنىڭمۇ بەدەنگە سۇ تۇلۇقلاش ئۈنۈمى بار؛ ئاز مىقداردا قەنت، ناترىي، كالىي تەركىبلىرى بولغان ئىچىملىكلەرنىڭ بولسا، بەدەندىكى سۇ تەركىبلىرىنى تۇتۇپ قېلىشقا پايدىسى بار.
   بەدەنگە سۇ تۇلۇقلاشتا، قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغاندىن تۆۋەن بولغىنى ياخشى.
   دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، قەنت تەركىبى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئىچىملىكلەرنىڭ(مەسىلەن مىۋە شەربىتى ياكى كولا) سۇ تۇلۇقلاش ئۈنۈمى، قەنت مىقدارى تۆۋەن بولغان ئىچىملىكلەردەك ياخشى ئەمەس ئىكەن. ئاق سۇغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل ئىچىملىكلەرنىڭ ئاشقازاندا توختاش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇشى، ئاشقازاندىن چىقىرىلىش سۈرئىتى ئاستىراق بولۇشى مۇمكىن؛ بىراق بۇ ئىچىملىكلەر كىچىك ئۈچەيگە كىرگەندىن كىيىن، سىڭىشىش تەسىرى ئاستىدا سۇيىلىدۇ ھەمدە بۇ جەرياندا بەدەندىكى سۇ تەركىبلىرىنى سەرپ قىلىش ئارقىلىق كىچىك ئۈچەي ئىچىدىكى قەنت تەركىبىنى سۇيۇلدۇرىدۇ.  لېكىن، گەرچە بەدەنگە سۇ تۇلۇقلاش ناھايىتى مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم ئەھۋاللار ئاستىدا، ئىچىملىكنىڭ سۇ تۇلۇقلاش ئۈنۈمىدىن بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号