ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھازىر قوساقتىكى بالىلارمۇ رەسىمگە چۈشكىلى ئۇستا بوپ كېتىپتۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-04كۆرۈلىشى : قېتىم
   چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك 21ياشلىق ھامىلدار ئايال جېمما، دوختۇرخانىدا ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قوساقتىكى تېخى تۇغۇلمىغان قىزىنىڭ، ئىككى بارمىقىدا "V" ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ يۈزلىرىنى توسىۋالغانلىقىنى بايقىغان. جېمما رەسىمنى كۆرگەندىن كىيىن، يا كۈلىشىنى يا يىغلىشىنى بىلەلمەيلا قالغان.
   خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك جېمما ئىسىملىق ھامىلدار ئايال، ھامىلدارلىق مەزگىلى تەكشۈرۈشى قىلدۇرۇش جەريانىدا، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان قىزى تەكشۈرۈشكە ماسلاشماي، قولىنىڭ بارمىقىدا "V" ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ يۈزلىرىنى توسىۋالغان. جېمما بولسا چاقچاق قىلغان ئاساستا، ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ ئەنگىلىيە بويىچە ئەڭ ئەدەپسىز بوۋاققا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.
   جېمما، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە تارتىلغان سۈرەتنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللىغان ھەمدە قىزىنىڭ ھەر قېتىمدا تەكشۈرۈشكە ماسلاشماي، ئۇنى قايتا تەكشۈرتۈشكە مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
  جېممانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل 4-ئايدا ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ، ھەر قېتىملىق ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دائىملىق تەكشۈرۈش جەريانىدا ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بەرگەن. ھامىلدارلىق 16-ھەپتىسىدە بالىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ قوسىقىدىكى بوۋاق ئىككى پۇتىنى ئالماپ تۇتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، دوختۇرلارنىڭ بالىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى تەكشۈرۈپ بىكىتەلمەي، قايتا بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号