ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چامغۇرنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ۋە پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
   چامغۇرنىڭ ئىلمىي ئاتىلىشى Brassica rapa بولۇپ، سۇزاپ ئۇرۇقدىشى چامغۇر كەنجى ئۇرۇقدىشىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر؛ چامغۇرنىڭ ئادەتتە بىز يەيدىغان قىسمى، چوڭ ھەم گۆشلۈك كەلگەن يىلتىز قىسمى. چامغۇر تېخى مايسا ۋاقىتتا، ئادەتتە كۆك چامغۇر دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ غول ۋە يۇپۇرماق قىسمىنىمۇ، قورۇپ ياكى شورپا، سۇيۇقئاش قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

   چامغۇرنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى؛ مەنمۇ نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن، چامغۇر تەركىبىدە تەبىئەت دۇنياسىدا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل ئورگانىك ئاكتىپ ئىشقار بارلىقىنى ئاندىن بىلدىم. چامغۇر تەركىبىدە كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك، كالىي قاتارلىق ساغلاملىققا پايدىلىق بولغان ئىشقارلىق مىنرالنىي ماددىلار ۋە ئورگانىك ئاكتىپ ئىشقار بار بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە نۇرغۇنلىغان ئامىنو كىسلاتالىرى ۋە ۋىيتامىنلار بار. چامغۇرنىڭ ئادەتتە، ئىشتىھانى ئېچىش ۋە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بار.

   كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، چامغۇرنى ئادەتتە قوي گۆشى بىلەن شورپا قاينىتىپ، ياكى سۇيۇقئاش ئىتىپ ئىچىمىز؛ بۇندىن باشقا قورۇپ ۋە سۇغۇق سەي تەييارلاپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. قورۇما قورۇشتا، مەيلى كۆك چامغۇر بولسۇن ياكى ئاق چامغۇر بولسۇن، قورۇما قورۇشقا ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشىنىمەنكى، مەيلى شورپا قاينىتىپ ئىستىمال قىلىش بولسۇن ياكى سۇيۇقئاش ئىتىش بولسۇن، ۋە ياكى قورۇما قورۇش بولسۇن، كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ناھايىتى تونۇشلۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، چامغۇردىن سۇغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئاددىيلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: چامغۇر، تەرخەمەك، قارا كۈنجۈت، قىزىلمۇچ، تۇز، تېتىتقۇ، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت مېيى، مۇچ مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. چامغۇرنى ئىنچىكە قەلەمچە ھالىتىدە توغراپ، سۇدا قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ سۇۋۇتۇپ تەييارلايمىز.
   2. قىزىلمۇچنى قەلەمچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز، تەرخەمەكنى بولسا ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز.
   3. ئالدى بىلەن تەخسە يۈزىگە بىر قەۋەت ياپراقچە ھالىتىدە توغرالغان تەرخەمەك تىزىپ چىقىمىز؛ تەييارلىغان چامغۇر قەلەمچىسىگە مۇچ يېغى، ئاچچىقسۇ، تېتىتقۇ، تۇز، كۈنجۈت مېيى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، تەخسىدىكى تەرخەمەك ئۈستىگە ئۇسۇپ ئالىمىز؛ ئاخىرىدا چامغۇرنىڭ ئۈستىگە ئازراق قارا كۈنجۈت سېپىۋەتسەك ۋە قەلەمچە ھالىتىدە توغرالغان قىزىلمۇچتىن ئازراق قۇشۇۋەتسەكلا، بۈگۈنكى چامغۇردىن تەييارلانغان سۇغۇق سەي تەييار بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号