ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قايسى قان تىپتىكى كىشىلەر تېنى ساغلام كېلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەتتە، بىزنىڭ قان تىپىمىز ئىرسىيەت ئامىلى تەرپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان قان تىپى ئېلىپ كىلىدىغان بەدەن ساپاسى، مىجەز-خاراكتېر ۋە ئاسان گېرىپتار بولۇپ قالىدىغان كېسەللىك تۈرلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشمايدۇ. ئۇنداقتا، قايسى خىل قان تىپىدىكى ئادەمنىڭ تېنى ئەڭ ساغلام بولىدۇ؟
Oقان تىپى
   ئادەتتە، Oقان تىپىدىكى كىشىلەر، بارلىق قان تىپلىرى ئارىسىدا بەدەن ساپاسى ئەڭ ياخشى كىشىلەردۇر. ئۇلار ئادەتتە ئۈمىدۋار، شوخ، ئاكتىپ كىلىدۇ ھەمدە بەلگىلىك تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ئىگە بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ناچارلىشىپ قالغان ۋاقىتتىمۇ، ئۇلار ناھايىتى تىزلا ئۆز-ئۆزىگە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، روھى بېسىمنى ئۈنۈملۈك ھالدا قويۇپ بىرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، باشقا قان تىپىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلاردا ئاسانلىقچە روھى جەھەتتىكى كېسەللىك كۆرۈلمەيدۇ. بۇندىن باشقا، Oقان تىپىدىكى كىشىلەر ئەسلىدىنلا ساغلاملىقنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشقا ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا، ناھايىتى قىزغىن پوزىتسىيە تۇتىدۇ.
ABقان تىپى
    ABقان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ بەدەن ساپاسى ، بارلىق قان تىپلىرى ئارىسىدا ئەڭ ناچار بولىدۇ. ئۇلار چۆكۈپ خىزمەت قىلىشنى بىرقەدەر ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۇلاردا ئاسانلا ھېرىپ-چارچاش كۆرىلىدۇ ھەمدە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بەدەن ساپاسىنى ناچارلاشتۇرۋىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ABقان تىپىدىكى كىشىلەر باشقىلار قان تىپىدىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىچ مىجەز بولۇپ، ھەرقانداق مەسىلىنى ئىچىدە ساقلىۋالىدۇ، ئۆزمەننى ئىپادىلىشى تەس بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئاجىز بولۇشى، ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشنى بەك خالاپ كەتمىگەنلىكىدىن بولىدۇ؛ شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ABقان تىپىدىكى كىشىلەر سىرتلارغا چىقىپ ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشنى كۆپەيتىپ، بەدەن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك.
Bقان تىپى
   تۇرمۇشىمىزدا، Bقان تىپىدىكى كىشىلەر ئادەتتە بىغەم كېلىدۇ، ھەرقانداق ئىشتا كىچىك نوقتىلارغا دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئۇلار دوستلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، شۇڭا ئادەتتە كۆپ غەم-ئەندىشىسى بولمايدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ خىل خارەكتىرى، ئۇلاردا چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشقا ئوخشاش بەزىبىر ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئاسان سەمىرىپ قالىدۇ؛ شۇڭا ئادەتتە Bقان تىپىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا بودەكلەر كۆپ بولىدۇ. بۇندىن باشقا، Bقان تىپىدىكى كىشىلەر ئاسان ئاچچىقلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ جىگەر ئىقتىدارى بەلگىلىك تەسىرگە ئوچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، Bقان تىپىدىكى كىشىلەر، بەدەن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىش بىلەن بىرگە، جىگىرىنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك.
Aقان تىپى
   ئادەتتە، Aقان تىپىدىكى كىشىلەر نىسبەتەن ئىچ مىجەز كىلىدۇ؛ ئۇلار بىر ئىشلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن مەسئۇل بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئىگىلىك جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. لېكىن، ئۇلاردا ھەمىشە ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتى كۆرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ نىرۋىسى نىسبەتەن سەزگۈر كېلىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار، ئادەتتە بىر ئىشلارنى ئارتۇقچە ئويلىۋالىدۇ، ھەتتا بىر ئىشلارغا كىرىشىۋىلىپ چىقالماي قالىدۇ. بۇ خىل ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈككە تولغان كەيپىيات، ئۇلاردا ئاسانلا ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇلاردىن باشقا، ئۇلاردا يەنە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، خامۇشلىشىش، ئۇيقۇسى ناچار بولۇش ۋە كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، Aقان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ بەدەن سۈپىتى نىسبەتەن ئاجىزراق بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئۇلار ئۆزىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىغا كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.
   يۇقارقىلاردىن قارىغاندا، ABقان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ بەدەن سۈپىتى ئەڭ ئاجىز، O قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ بولسا ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدىكەن. لېكىن، قان تىپىمىز بىزنىڭ كىيىنلىك ساغلاملىق ئەھۋالىمىزغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ؛ شۇڭا بىز ئادەتتە، ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ، تەن ساغلاملىق ئەھۋالىمىزنى قەرەللىك تۈردە تەكشۈرتۈپ تۇرىشىمىز كېرەك، بۇنىڭدا ئاندىن تەن ساغلاملىقىمىزغا ئەڭ چوڭ دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号