ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئىشلىتىشتىكى تۆت چوڭ پىرىنسىپ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىر، ھەممە ئائىلىدە ئاساسەن دېگۈدەك مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق تەييارلانغان. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزىبىر مەسىلىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
قىزىتماقچى بولغان يېمەكلىكنى يەتتە ئۈلۈش پىشۇرۇش
   مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر رولى، ئۆيدە تاماقنى تەييارلىۋىلىپ، خىزمەت قىلىدىغان ئورۇندا ياكى ئۆيدىن سىرتقى ئورۇندا قىزىتىپ ئىستىمال قىلىشتۇر. بۇنداق ئەھۋالدا، تائام تەركىبىدىكى ۋىيتامىننىڭ قايتا-قايتا خوراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆيدە تاماقنى تەييارلىۋالغان ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشىسى 7ئۈلۈشلا پىشۇرۇپ، چالىسىنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزىتىش جەريانىدا پىشۇرساق بولىدۇ.
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا ماس كېلىدىغان قاچىلارنى ئىشلىتىش
   چوقۇم مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ قىزىتىشقا ماس كېلىدىغان قاچىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. سۇلياۋ قاچا ياكى سۈپىتى بىرقەدەر ناچار بولغان قاچىلارنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ تاماق قىزىتساق، ئاسانلا قاچا تەركىبىدىكى ماددىلارنى ئىرىتىپ تاماق بىلەن بىرىكتۈرۈپ قويىدۇ؛ بۇنىڭدا، يېمەكلىك زەھەرلىك ماددىلاردا بۇلغىنىپ، ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.
ئېغىزىنى يېپىپ قىزىتىش
   مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا تاماق قىزىتقان ۋاقىتتا، سۇ تەركىبلىرىنىڭ زىيادە ھورغا ئايلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قاچىنىڭ ئېغىزىنى يېپىپ ئاندىن قىزىتىش كېرەك. ئادەتتە، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتىن پايدىلىنىپ تاماق قىزىتقاندا، ۋاقىتنى ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا تەڭشىسەك بولىدۇ، ئەگەر تاماق تولۇق قىزىپ بولالمىغان بولسا، قايتىدىن سېلىپ نەچچە ئايلاندۇرۋەتسەكلا بولىدۇ. ئەگەر قاچىنىڭ ئېغىزى بولمىسا، يېڭى ساقلاش پىلاستىرىدا ئېغىزىنى ئورىۋەتسەك، ياكى تائامنىڭ ئۈستىگە ئازراق سۇ تامچىتىۋەتسەك بولىدۇ.
قىزىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك
   قىزىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ياخشى ئەمەس. ئەگەر قىزىتماقچى بولغان ياكى توڭ ئىرىتمەكچى بولغان يېمەكلىكنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزىتقاندىن كېيىن ئېلىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولساق، ئەگەر ۋاقىت ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ يېمەكلىكنى ئىستىمال قىلماي تاشلىۋېتىش كېرەك، بولمىسا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号