ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تاماق ئىتىشكە ئامراق ئادەم چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئەرزىيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋىلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاشقازىنىنى كەلتۈرۋېلىش كېرەك ئىكەن؛ مېنىڭچە، بۇ بىر جۈملە سۆز مۇھەببەتكىلا ئەمەس، ئادەتتىكى دوستلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ.
تاماق ئىتىشكە ئامراق ئادەم سەۋرچان كېلىدۇ
   تاماق يىيىشكە نىسبەتەن، مەيلى دۆلەت ئىچى سىرتىدا بولسۇن، قەدىمقى ياكى ھازىرقى زاماندا بولسۇن، كىشىلەر كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلىدۇ. بىر ۋاخ تاماق يىيىش ئۈچۈن، كۆپ بولسا يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، ئادەتتە بولسا 15-10ۋاقىت يىتەرلىك؛ لېكىن، مول بىر ۋاخلىق نازۇ-نىئمەتلەرنى تەييارلاش ئۈچۈن، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئۈچ سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. يېمەكلىك ماتېرياللىرىنى سېتىۋىلىشتىن تارتىپ، يۇيۇپ تازىلاش، خۇرۇچ ماتېرياللىرى تەييارلاش، پىشۇرۇش، ئاخىرىدا داستىخانغا تىزىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە بەلگىلىك كۈچ، ۋاقىت، زېھىن سەرپ قىلغاندا بولىدۇ.
   بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، تاماق ئىتىش ھەقىقەتەن بىر "ئاۋارىچىلىق" ئىش بولۇپ، تالانت ۋە تېخنىكىغا قارىغاندا، سەۋرچانلىق تېخىمۇ مۇھىم.
   سەۋرچان ئەمەس ئادەم، تاماق ئېتىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرىدۇ؛ لېكىن تاماق ئىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئۇ بىر خىل خۇشاللىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، تاماق ئىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ سەۋرچان كېلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك، تېخىمۇ چىقىشقا كېلىدۇ.
تاماق ئىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، بەدەل تۆلەشنى بىلىدۇ
   تاماق ئىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، كۆپىنچە ھەمبەھىرلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزى ئەتكەن تاماقنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇلار، كۆكسى-قارنى كەڭ، كىشىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان كېلىدۇ. ئۇلار باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىدۇ، ئەستايىدىل ھەم كۈيۈمچان كىلىدۇ، شەخسىيەتچىلىك قىلمايدۇ.
   بۇ خىلدىكى كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت، ئاددىيلىققا، ساددىلىققا تولغان بولۇپ، پايدا-مەنپەئەت ھېسابلىشىپ ئولتۇرىدىغان ئەھۋال بەك كۆپ بولمايدۇ؛ ئۇلار باشقىلار بىلەن، مۇلايىملىق، كۈيۈمچانلىق ۋە سەمىمىيلىكنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئالاقە قىلىدۇ.
تاماق ئىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم تۇرمۇشنى تېخىمۇ سۈيىدۇ
   تاماق ئىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، قەيەرگە بارمىسۇن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ؛ ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ياكى ھەرقانچە ھېرىپ-چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار قورسىقىنى ئۇتتۇرۇپ قويمايدۇ، لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋىلىپ، ھەرخىل تەملىك تاماقلارنى تەييارلاپ يەيدۇ.
   ئۇلار، ئۆزى بىلەن ۋە بۇ دۇنيا بىلەن مۇلايىم ھالدا ئالاقە قىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇلنى تېپىۋالغان بولۇپ، تۇمانلىق خىرە مەزگىللەردىن ئۆزىنى قاچۇرالايدىغان بىر خىل كۈچكە ئىگە بولغان بولىدۇ.
   تاماق ئىتىش، ئەزەلدىن ئاسان ئىش ئەمەس؛ دېماقنى ئېچىشتۇرىدىغان ماي ئىسى، يۇقىرى تېمپىراتۇرىنىڭ قىزىتىشى قاتارلىقلار، ھەممە ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. شۇڭا، سىز ئۈچۈن تاماق ئىتىپ بىرىشنى خالىغان ئادەم، چوقۇم سىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولىدۇ.
   سىزنىڭ ھەربىر قاچا تاماقنى قەدىرلىشىڭىزنى، سىز ئۈچۈن قوللىرىنى يۇۋىتىپ ئىسسىق تاماق ئىتىپ بىرىشنى خالىغان ئادەمنى قەدىرلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号