ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چۆچۈرە سۈيىدە ئوخشايدۇ، چۆچۈرىنىڭ سۈيى بۇنى كۆرسىڭىز ئوخشايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   چۆچۈرە، كۆپ قىسىم كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان بىر خىل تائام بولۇپ، ئۇنىڭ جۇۋاۋا بىلەن ئوخشىمايدىغان يىرى، جىلىتى نىپىز قىيمىسى كۆپ، شۇڭا تېخىمۇ تەملىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇۋاۋىنى لازا ئاچچىقسۇغا قوشۇپ ئىستىمال قىلىمىز، چۆچۈرىنى بولسا سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىمىز. لېكىن، چۆچۈرىنىڭ سۈيى چوقۇم ياخشى چىقىشى كېرەك، بۇنىڭدا چۆچۈرە تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.
   ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ تەم خاھىشى ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر چۆچۈرىنىڭ سۈيىنى تۇزلۇقراق قىلىپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا تۇز تەمىنى سۇسراق قىلىپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۆچۈرىنىڭ سۈيىنى، تۇزدىن باشقا يىمەكلىك ۋە خۇرۇچ ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىپ تەڭشەپ، تەمى ئېغىزدا قالغۇدەك چۆچۈرە تەييارلاشقا بولىدۇ ۋە ياكى سۆڭەك قاينىتىپ، چۆچۈرىنى سۆڭەك شورپىسىغا سېلىپ پىشۇرساقمۇ بولىدۇ.
   ئادەتتە، چۆچۈرە سۈيىنى تەڭشەشتە ئىشلىتىلىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان ماتېرىياللاردىن، يۇمغاقسۈت، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، توخۇ تەم جەۋھىرى، كۈنجۈت مېيى، پەمىدۇر، يۇۋبەسەي، غولپىياز مايسىسى قاتارلىقلار بار.
   كونكىرتنى ئۇسۇل جەھەتتە، ئەگەر سۆڭەك شورپىسىغا سېلىپ پىشۇرماقچى بولساق، سۆڭەك قايناپ پىشاي دەپ قالغان ۋاقىتتا، چۆچۈرىنى سېلىپ پىشۇرساق بولىدۇ؛
   ئەگەر يۇۋ بەسەي، شوخلا قاتارلىقلارنى قوشۇپ، چۆچۈرە سۈيىنى رەڭلىك ھەم تەملىك چىقسۇن دېسەك، چۆچۈرىنى قاينىغان سۇغا سېلىپ بولۇپلا، يۇۋبەسەي بىلەن شوخلىنى قازانغا سېلىپ، چۆچۈرە بىلەن بىللە قاينىتىپ پىشۇرساق بولىدۇ.
   ئەگەر چۆچۈرە سۈيىگە يۇمغاقسۈت ياكى غولپىياز مايسىسى قوشماقچى بولساق، يۇمغاقسۈت ياكى غولپىياز مايسىسىنى ئالدىنئالا ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋىلىپ، چۆچۈرىنى پىشىپ ئۇسۇپ ئېلىشنىڭ ئالدىدا، توغرالغان غولپىياز مايسىسى ياكى يۇمغاقسۈتنى قازانغا سېلىپ، بىر مالتىلاپ ئارىلاشتۇرۇپ، قازان قايناپ چىققاندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   بۇندىن باشقا يەنە، ئۆزىمىزنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن، چۆچۈرىنى قاينىتىپ پىشۇرۇش داۋامىدا، چۆچۈرىنىڭ سۈيىگە شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، توخۇ تەم جەۋھىرى، كۈنجۈت مېيى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەم تەڭشەش ئېلىپ بارساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号