ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇزلۇق تاماق يىيىش ئادىتى دېۋەڭلىك كىسىلى پەيدا قىلىشى مۇمكىن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەنگىلىيە "تەبىئەت" ژورنىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى توردا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، تۇز قوبۇل قىلىش بىلەن چاشقاننىڭ تونۇش ئىقتىدارى ئارىسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ جەزىملەشتۈرگەن. بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، چاشقانغا ئىنتايىن تۇزلۇق يېمەكلىك يىگۈزگەندە، تۈزىتىلگەن tauئاقسىلىرىنىڭ يېغىلىپ توپلىنىشىنى پەيدا قىلىدىكەن؛ tauئاقسىلى بولسا، دېۋەڭلىك كىسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.  نۆۋەتتە، تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئىنسانلارغا ماس كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش كېرەك ئىكەن.
   ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۇزنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش، تونۇش توسالغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دېۋەڭلىك كىسەللىكىنىڭ بىر خىل خەتەر فاكتورى ئىكەن. گەرچە بۇ بىر باغلىنىشلىق كەينىدىكى مىخانىزىم توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بولمىسىمۇ، لېكىن قان تومۇرى ئىقتىدارى توسالغۇسى ۋە نىرۋوندىكى tauئاقسىلىنىڭ يېغىلىپ توپلىنىشى، تونۇش توسالغۇسىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىلىدۇ؛ بۇ قېتىم، ۋىئىل.كورنىل تىببى شۆيەنىدىكى ئالىم كىستانتىنو.ئادكىرا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى، بۇ خىل تەسىرنىڭ ئىسپاتىنى بايقىغان بولۇپ، فوسفاتىدلاشقان tauئاقسىلىنىڭ ئېشىشىدىكى سىگنال ئىنكاسىنى بايقاپ چىققان.
   ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى ئادەتتىكى چاشقانلارنىڭكىدىن 16-8ھەسسە يۇقىرى بولغان چاشقاننىڭ، يىڭى جىسىمنى بايقاپ تونۇش ئىقتىدارىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇزنىڭ بەدەنگە بەك كۆپ قوبۇل قىلىنىشى، ئازوت(II)ئوكسىدنىڭ بىرىكىشىنى ئازايتىپ، tauئاقسىلىنىڭ فوسفاتىدلىشىپ كېتىش جەريانىغا قاتنىشىدىغان، CDK5دەت ئاتىلىدىغان بىر خىل ئىنىزىمنى قوزغىتىدىكەن.
   تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىملىق تەتقىقاتتا چاشقانغا يىگۈزگەن يۇقىرى تۇز تەركىبلىك يېمەكلىك، ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ تۇز قوبۇل قىلىش ئەڭ يۇقىرى مىقدارىدىن(كۈندىلىك تەۋسىيە مىقدارى -5-4گىرامنىڭ 5-3ھەسسىسى) ئېشىپ كەتكەن. بىراق، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن تونۇش ساغلاملىقى ئوتتۇرسىدا ھەقىقەتەن باغلىنىش مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان بولۇپ، تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىن ساقلىنىشنىڭ، بەلكىم تونۇش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىسى بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号