ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئون بەش يىلدا سەكسەن سەككىز ئەرگە ياتلىق بولغان ئايال
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-30 كۆرۈلىشى : قېتىم

   چېخ دۆلىتىدە بىر ئايال بار بولۇپ، 15يىل ئىچىدە 88قېتىم توي قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان 88ئەرگە ياتلىق بولغان. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى بولسا، ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ سىناپ بېقىش ئۈچۈن بولغان.
   بۇ ئايال بىر فوتوگراف بولۇپ، 15يىلنىڭ ئالدىدا، ئۇنىڭدا ناھايىتى قاپ يۈرەك بىر خىيال پەيدا بولغان؛ ئۇ بولسىمۇ، ئوخشاش بولمىغان ئەرلەر بىلەن توي قىلىپ ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ سىناپ بېقىش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئۆتمۈشتىكى 15يىل ئىچىدە، 88 ئەر بىلەن توي قىلىپ چىققان.
   ئايالنىڭ بۇ 88قېتىملىق تويى، راستىنلا تويلىشىش بولماستىن، بەلكى ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى ۋە ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى كىشىلەر بىلەن بىر مەزگىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشتۇر؛ ئۇ ئايال يەنە،  سۈرەت ئاپاراتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ كەچمىشلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرغان. ھەر بىر بۆلەك توي تۇرمۇشى مەزگىلىدە، ئۇ بۇ ئەرلەر بىلەن بىر مەزگىل بىللە تۇرغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا چۈشىنىش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىلھامغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىكەن.
   دەسلىۋىدە، ئۇ ئوخشاش بولمىغان ئەركىشى بىلەن ئورتاق بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەندىكى تۇرمۇش ئادىتى، ئائىلە ئارقى كۆرۈنۈشى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆنەلمىگەن، ئۇ ھەتتا ۋاز كېچىشنىمۇ ئويلاشقان. بىراق، ئۇ ئاخىرىدا يەنىلا بەرداشلىق بىرىپ ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ كەلگۈسىدە بۇ خىل "ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ سىناش" ھەرىكىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، قولىدىكى سۈرەت ئاپاراتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئەھمىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号