ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئالتۇنغا تىگەشكۈسىز ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاخشىمى بالدۇر ئۇخلىغاندا، ئىككىنچى كۈنىدىكى خىزمەت ياكى ئۆگىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك زېھنىڭىز بار بولالايسىز؛ ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن سەھەر تۇرسىڭىز، بىر كۈنلۈك ۋاقتىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرالايسىز؛ ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىپ بەرسىڭىز، ياخشى بەدەن شەكلىڭىزنى ساقلاپ قېلىش بىلەن، تېخىمۇ ساغلام بولالايسىز.... ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ سەزمىگەن ھالدا، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئادەمگە ئايلىنىسىز.
ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش
   ساغلام بەدەن، ھەرقانداق بىر قىممەت يارىتىشنىڭ تۈپ ئاساسى. كەسپى چېنىقىش ئۇرۇنلىرىغا بېرىپ چېنىقىڭ، ئەتىگەن كەچلىكى ئىشقا بېرىپ كېلىشتە ۋەلىسپىت مىنىڭ ياكى پىيادە مېڭىپ بىرىڭ، خىزمەت ئارىلىقىدا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بەدەنلىرىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بىرىڭ....
كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
   كىتاپ ئوقۇش سىزنىڭ بىلىمىڭىزنى موللاشتۇرۇپ، ساپايىڭىزنى يۇقىرى كۆتىرىشىڭىزگە پايدىلىق بولىدۇ. ھەركۈنى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇڭ ھەمدە بۇنى بىر تۈرلۈك ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇڭ؛ بۇنىڭدا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىڭىزنىڭ نەزەر دائىرىڭىزنىڭ كېڭىيىپ قالغانلىقىنى ۋە گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىڭىزنىڭمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىيالايسىز.
سەھەردە 10مىنۇت بالدۇر تۇرۇشقا ئادەتلىنىش
   سائىتىڭىزنى ئون مىنۇت بالدۇر ۋاقىتقا توغۇرىلاپ قويسىڭىز، ئەتىگىنى ئۇنچە بەك ئالدىراپ كەتمەي، ناشتىنى ئالدىرماي قىلالايدىغانلىقىڭىزنى، پۈتۈن بىر كۈن روھىڭىز كۆتۈرەڭگۈ ئۆتەلەيدىغانلىقىڭىزنى بايقايسىز.
ئەتىگىنى ناشتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش
   ھەركۈنى ئەتىگەن ناشتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە يېتەرلىك تۈردە ئېنىرگىيە توپلاپ، ئۆگىنىش ياكى خىزمەت ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
بالدۇر ئۇخلاشقا ئادەتلىنىش
   ئاخشىمى بالدۇر يېتىپ ئۇخلىساق، بەدىنىمىز يىتەرلىك تۈردە ئارام ئېلىشقا ئىرىشىپ، كېسەللىك كۆرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە ئىككىنچى كۈنىدىكى ئۆگىنىشكە ياكى خىزمەتكە، روھىمىز كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ئاتلىنىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
قەرەللىك تۈردە ئۆينى يېغىشتۇرۇپ تازىلاش
   ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆي يېغىشتۇرۇپ تازىلاشقا ئادەتلىنىش كېرەك؛ بۇنىڭدا، بەدىنىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئازادە ۋە راھەت بولغان تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىشقا بولىدۇ. ئۆينى رەتلەپ لازىم بولمىغان نەرسىلەرنى بىتەرەپ قېلىۋىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى ياخشى تونۇپ يەتسەك، بۇندىن كىيىن پۇلنى قەيەرگە خەجلەشنى ئىنىق بىلىپ يېتەلەيمىز.
ھېساب خاتىرىلەپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش
   ھەربىر قېتىملىق چىقىم ۋە كىرىمنى خاتىرلەپ مېڭىڭ؛ بۇنىڭدا، قايسى پۇللارنى خەجلىمەس كېرەكلىكىنى، قايسى جەھەتلەردە پۇلنى تېخىمۇ كۆپرەك چىقىم قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۋالالايسىز. جىددى ئەھۋالغا ئىشلىتىش ئۈچۈن بەلگىلىك مىقداردا پۇل قالدۇرۇپ، قالغان پۇللىرىڭىزنى مەبلەغ سېلىش ياكى مالىيە باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号