ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
خوگودىن موگو ياخشى، كىسەل بولمايسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۈز كۈنلىرىدە، كىچىك دوستلار مەكتەپكە بېرىپ كىلىش جەريانىدا، ئاسانلا يۇقىرى نەپەسلىنى يولى كىسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بالىنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى ۋە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان بىر خىل قورىمىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   موگو تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى، مىنرالنى ماددىلار، ۋىيتامىنلار ۋە پولىساخارىد قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، بىر خىل يۇقىرى ئاقسىللىق ۋە تۆۋەن ياغ تەركىبلىك ساغلام يىمەكلىكتۇر. كۈز ۋە قىش پەسلىدە موگونى كۆپرەك ئىستىمال قىلساق، بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، زۇكام ۋە باشقا كىسەللىكلەر سىزدىن يېراقلىشىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: موگو، غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، يۇمغاقسۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى
   موگونى قولىمىزدا تىتىپ كىچىك پارچە ھالىتىگە ئەكىلىپ يۇيۇپ پاكىزلايمىز؛ قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، موگونى سېلىپ بىر مىنۇت قاينىتىمىز.
   موگونى سۈزۈپ ئېلىۋالغاندىن كىيىن، سامساق، زەنجىۋىل ۋە غولپىياز قاتارلىقلارنى ئۇششاق چاناپ توغراپ ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييار قىلىمىز.
   قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، زەنجىۋىل، سامساق، غولپىياز قاتارلىقلارنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كىيىن، موگونى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز ۋە ئازراق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز؛ موگونى ئازراق قورىغاندىن كىيىن، قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، كىچىك ئوتتا تۇۋاقنى يېپىپ ئىككى مىنۇت قاينىتىمىز.
   ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، ئۈستىگە توغرالغان يۇمغاقسۈت سېپىۋىتىپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号