ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇرمۇشتىكى كىچىك ئاۋارىچىلىقلارنى بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا
   ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ كۆزلىرىڭىزدىن ياش چىقىپ كەتسە، بۇ ۋاقىتتا سۇ ئىچكەننىڭ پايدىسى يوق، سۇ ئىچسىڭىز ئېغىزىڭىز تېخىمۇ ئېچىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىكى ئەڭ ياخشى ئامال كالا سۈتى ئىچىش، سۈت ئىچسىڭىز ئېچىشىشنى باسىدۇ.
ئاياغنىڭ ئىچى پۇراپ قالغاندا
   ئاياغنىڭ ئىچى پۇراپ تەردىن نەملىشىپ قالغاندا، ئىچىگە ئازراق سۇدا سېپىۋەتسەك، سۇدا ئاياغدىكى نەملىكنى ۋە غەلىتە پۇراقنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ، ئايىغىڭىز ناھايىتى تىزلا قۇرغاق ھالەتكە كېلىدۇ.
كىيىمنىڭ ياقىسى ۋە قولتۇقى سارغىيىپ قالسا
   ئاۋال چوتكا بىلەن ئازراق چاچ سوپۇنى ياكى ساقال ئالغاندا ئىشلىتىدىغان يۇمشىتىش مەلھىمى سۇۋاپ، تۆت بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن يۇۋەتسەك، ئوڭۇشلۇق چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
پۇت تەرلەش
   ئاياغنى كىيىشتىن ئاۋال، ئاياغنىڭ ئىچىگە ئازراق ئىسسىقلىق پاراشوكى(痱子粉) چېچىۋەتسەك، تەدرىجى ھالدا تەر ئاز چىقىدىغان بولىدۇ.
باناننى يېڭى ساقلاش
   بانان يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى، باناننى ئۇزۇن ساقلىغىلى بولماسلىقتۇر؛ چۈنكى بانان ناھايىتى ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. لېكىن، سىز يېڭى ساقلاش پىلاستىرى ئارقىلىق باناننىڭ تۈۋى قىسمىنى ئوراپ يۆگەپ قويۇپ سىناپ بېقىڭ؛ بۇنىڭدا باناننى يېڭى ساقلىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
كىيىمگە قىل يېپىشىۋالغاندا
   كىيىملىرىمىزگە قىل، تىۋىت، موي دىگەندەك نەرسىلەر يېپىشىۋالسا، سۇغا چىلانغان خەيمىيەن بۇلۇتنىڭ سۈيىنى سىقىۋەتكەندىن كىيىن كىيىمنى سۈرتسەك، يېپىشىۋالغان نەرسىلەرنى چىقىرۋېتىشكە بولىدۇ.
تەرەت تۇڭى توسۇلۇپ قالسا
   ئۆيدىكى تەرەت تۇڭى(ماتۇڭ) توسۇلۇپ قالسا، بىر كىلوگىرام ئەتراپىدىكى ئۇششاق چېقىلغان مۇزنى تەرەت تۇڭى ئىچىگە تۆكۈپ، تەرەت تۇڭىنىڭ سۈيىنى قويۇپ بەرسەك، ھەرقانداق توسالغۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسى مېڭىپ كىتىدۇ، مۇھىت بۇلغىنىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
ھەسەلنى توڭلاتقۇغا سالماڭ
   ھەسەلنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىساق، كىرىستال شەكىلىدىكى گىلوكوزا شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ؛ بۇنىڭغا ھەسەلنىڭ تەمىگە تەسىر يىتىپلا قالماي، يەنە تېخى ھەسەلنى بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ تاشلىۋېتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئىشكابتىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىش
   ئۈستەل تارتمىلىرى، تام ئىشكابى، كىيىم ئىشكابى قاتارلىقلاردا سېسىق پۇراق پەيدا بولۇپ قالسا، ئىشكاپ ئىچىگە قاتتىق ھالەتتىكى سوپۇن سېلىپ قويسىڭىز، سېسىق پۇراقلار يوقايدۇ.
ھۆتەلنى تىز سۈرئەتتە توختىتىش
   ھۆتىلىپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئېغىزىڭىزغا قاتتىق كەمپۈتتىن بىرنى شۈمۈرۋالسىڭىز، توختىماستىن يۇتقان كەمپۈت قىيامى گال قىسىمدا بىر قەۋەت قوغداش پەردىسى ھاسىل قىلىپ، گالنىڭ غىدىقلىنىشقا ئۇچرىشىنى پەسەيتىدۇ.
ئۆي ئىچىدىكى تاماكا پۇرىقىنى يوقىتىش
   دەرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندىن باشقا، ئۆينىڭ ئوخشىمىغان بىر نەچچە يىرىدە، ھۆل لۆڭگە قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号