ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېقىندا، بىر كۆرۈمەن سۆز قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىندى بىرى ئۇنتۇغاق بولۇپ قالغانلىقىنى، ھەمىشە قويغان نەرسىلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ئۈچ خىل ئۇسۇلنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كۆپ ھەرىكەت قىلىش
   بۇنىڭدا سىز بەلكىم ئەجەبلىنىشىڭىز مۇمكىن: ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بىلەن ھەرىكەت قىلىشنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بولسۇن؟ ئەمەلىيەتتە، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ھەمىشە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىدىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ ئوكسېگىنلىق ھەرىكەت ئىشلەپ چېنىقىدىغان كىشىلەرنىڭ چوڭ مىڭىسىگە تەمىنلىنىدىغان قان سۇيۇقلۇقى تېخىمۇ يىتەرلىك بولىدىكەن؛ بۇنداق ئەھۋالدا، چوڭ مىڭىدىكى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان رايوننىڭ يېتىلىشىمۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل ئۈنۈم ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىدىكەن. ئادەم قورامىغا يەتكەندىن كىيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چوڭ مىڭىسىدىكى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان رايون، ھەر يىلى ئۆزلۈكسىز تۈردە كىچىكلەپ ماڭىدىكەن. لېكىن ھەمىشە ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىدىغان كىشىلەرنىڭ بولسا، چوڭ مىڭىسىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كونتىرول قىلىدىغان قىسىمدا، ئاسانلىقچە قورۇلۇپ كىچىكلەش كۆرۈلمەيدىكەن.
ياخشى ئۇزۇقلىنىش
   ياخشى ئۇزۇقلىنىش نېمە ئۈچۈن ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ؟ چۈنكى، ئادەم تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن، ئادەمنىڭ قېنىدا نۇرغۇنلىغان گىلوكوزا ۋە ئىنسۇلىن پەيدا بولىدۇ؛ بۇ ماددىلار، چوڭ مىڭىنىڭ يېڭى بىلىم ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، ئۇلار يەنە قىسقا مەزگىللىك خاتىرىنى ئۇزۇن مەزگىللىك خاتىرىگە ئايلاندۇرالايدۇ. بۇنىڭدا، ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملەرنى تېخىمۇ ئاسان ئېسىگە ئالالايدۇ.
ئازراق "جىددىيلىشىش" تۇيغۇسىنى ساقلاش
   بۇ نىمە دېگەن گەپ ئەمدى؟ ئەسلىدە، ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، تەشۋىشلىنىش—يەنى، بەلگىلىك دەرىجىدىكى "جىددىيلىشىش" تۇيغۇسى، چوڭ مىڭىنىڭ بەزىبىر ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ھورمۇنلار بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك خاتىرە شەكىللەندۈرۈشىمىزگە پايدىلىق بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇنى چۈشەنمەي ناھايىتى ئوڭاي؛ ئويلاپ بېقىڭ، ئۆتمۈشتىكى سىزنى قاتتىق جىددىيلەشتۈرگەن ياكى سىزنى قورقۇتقان ئىشلارنىڭ سىزدە قالدۇرغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇرغۇ دەيمەن؟ ھېلىمۇ ھازىرقىدەك ئىسىڭىزدە تۇرامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر داۋلى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号