ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەتىگەندىكى ئورنىدىن تۇرغاندىكى بىرىنچى ئىستاكان سۇ ھەققىدە
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   سۇ، ھاياتلىق مەنبەئەسى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ ماددا، تەخمىنەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %70-%60نى ئىگىلەيدۇ؛ بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىنىڭ كۆپ قىسىمى سۇ، مۇسكۇل، ئۆپكە، چوڭ مىڭە قاتارلىق ئورگانىزىم ۋە ئەزالاردىمۇ زور مىقداردا سۇ بار.
   ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئادەم يەتتە كۈن تاماق يىمىسىمۇ ھېچنىمە بولمايدىكەن، ئەمما ئۈچ كۈن سۇ ئىچمىسە، سۇسىزلىنىپ ئۆلۈپ كىتىدىكەن. سۇ، كۆپ خىل مىنرالنى ماددىلار، گىلوكوزا قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئىرىتكۈچىسى بولۇپ، ئۇ بۇ ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى توشۇپ ھۈجەيرىلەرگە يەتكۈزىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ھۈجەيرىدىكى ئەخلەتلەرنى توشۇپ ئېلىپ كېتىدۇ. بۇندىن باشقا، سۇ يەنە بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشىيەلەيدىغان بولۇپ، بەدەن شەكىللەنگەن ئىسسىقلىق، تەرلەش ياكى ھورغا ئايلىنىش ئارقىلىق تارقىتىلىپ، بەدەن تىمپراتۇرسىنىڭ تەڭپۇڭلىقى ساقلىنىدۇ.
   سۇ ئىچىش مەسىلىسىگە قارىتا، ئىزچىل تۈردە مۇنازىرە ۋە تالاش تارتىش بولۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىنكى سۇ ئىچىش مەسىلىسىدە، ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت.
   ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپلا سۇ ئىچىش كېرەكمۇ ئەمەس؟
   ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، بەدىنىمىز بىر ئاخشاملىق ئارام ئېلىش داۋامىدا، تىرە، نەپەسلىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان سۇ تەركىبلىرىنى تارقىتىپ چىقىرۋىتىدۇ؛ شۇڭا بۇ مەزگىل ئادەم زور دەرىجىدە سۇ كەمچىل ھالەتتە تۇرىدىغان بىر مەزگىل، بۇنداق ئەھۋالدا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋىلىش ئىنتايىن زۆرۈر. يەنە بىر تەرەپتىن، بەدەندە زور دەرىجىدە سۇ كەمچىل بولغانلىقتىن، ئەتىگەنلىكى ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتا، بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇقى بىر خىل قۇيۇق ھالەتتە بولىدۇ، بۇ دەل ئادەم ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا ئازراق ھارغىنلىق ۋە ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىشىدىكى سەۋەبتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا، ئۇسساش ھېس قىلمىغان تەقدىردىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە سۇ تۇلۇقلاش كېرەك؛ بۇنىڭدا، روھى ھالىتىمىزنى ئەسلىگە ئەكىلىشكە پايدىلىق بولىدۇ.
   ئەتىگەنلىكى ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا سۇ ئىچمەكچى بولغاندا، قانداق سۇ ئىچىش كېرەك؟
   بۇنىڭدا، قايناقسۇ بىرىنچى تاللاش. تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىچىملىك سۇ مەنبەسىدىن، ئاقسۇ، چاي، ئىچىملىك قاتارلىقلار بار؛ بۇلارنىڭ ئارىسىدا، ئاق سۇ ئۇسسۇزلۇقنى ئەڭ باسىدۇ، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئىچىملىك سۇ  ھىسابلىنىدۇ. ئاق سۇنىڭ ئىچىدە بولسا، قايناقسۇ ئەڭ ياخشى ھىسابلىنىدۇ. قايناقسۇ ئادەم بەدىنىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇڭا ئادەم بەدىنىنىڭ تەلىۋىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان ئىچىملىك سۇ مەنبەسى ھىسابلىنىدۇ.
   سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى جەھەتتە، ئەڭ ياخشىسى 40گىرادوس ئەتراپىدىكى ئىلمان قايناقسۇ ئىچىش كېرەك؛ بۇ خىل قىزىقلىق دەرىجىسى، ئادەم بەدىنى تىمپىراتۇرسىغا ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ، بەك سۇغۇق ياكى بەك قىزىق بولۇپ كەتسە، ئاشقازان-ئۈچەيگە زەخمە يەتكۈزىدۇ.
   مىقدارى جەھەتتە، ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا ئىچىدىغان سۇ، ئادەتتە 200مىللىلىتىر بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؛؛ ئەگەر بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۋېتىپ، ناشتىلىق يىمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ.
   ھەسەل، سۇس تۇزلۇق سۇ قاتارلىقلارنى ئىچىشكە بولامدۇ؟
   ھەسەل سۈيىنىڭ بەلگىلىك مىقداردا قەنت تەركىبى بار، ساپ سۇ ھالىتىدە ئەمەس؛ شۇڭا ھەسەل سۈيى ئىچسەك، ئاشقازان-ئۈچەي تەرپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەكسىچە بەدەننىڭ مىتابولىزىم يۈكىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ھەسەل سۈيىنى ئەتىگەنلىك بىرىنچى ئىستاكان سۇ ئورنىدا ئىچسەك، بەدەن ئورگانىزىملىرىدىكى ھۈجەيرىلەرگە ئۈنۈملۈك ھالدا سۇ تۇلۇقلاپ بىرەلمەيلا قالماي، زەھەر ھەيدە ئۈنۈمىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
   يەنە بەزىلەر، ئەتىگەنلىك بىرىنچى ئىستاكان سۇغا، سۇس تەڭشەلگەن تۇز سۈي ئىچسە ئەڭ ياخشى دەپ قارايدىكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سۇس تۇز سۈيى ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى غىدىقلاپ، بۆرەكنىڭ زەھەرنى ھەيدەپ چىقىرىشىغا ۋە ئاخشىمى ئۇخلاپ تەرلىگەندە چىقىپ كەتكەن تۇز تەركىبىنى تۇلۇقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. لېكىن، بىزنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىمىزدە تۇز مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋاللار ساقلانغان بولغاچقا، ئەتىگەندە سۇس تەڭشەلگەن تۇز سۈيى ئىچسەك، بەدەنگە قۇبۇل قىلىنىدىغان تۇز مىقدارى ئېشىپ كىتىپ، بەدەندە سۇ تەركىبى كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号