ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
36ياشلىق ھامىلدار ئايال "سۈزۈك تۇخۇم"دىن بىرنى تۇغدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېقىندىن بۇيان، كارتون فىلىم "نېجا" ھەرقايسى كىنوخانىلاردا قىزىق قويۇلىۋاتىدۇ؛ بۇ فىلىمدىكى باش پىرسوناژ نېجا، تۇغۇلغان ۋاقىتتا چوڭ بىر گۆش كومىلىچى ھالىتىدە بولۇپ، بۇنى كۆرگەن تورداشلار، بۇ نېجا "ھامىيلە"دىن تۇغۇلغانمۇ ياكى "تۇخۇم"دىنمۇ دەپ نۇرغۇن تالاش تارتىشلارنى قىلغان.
   لىكىن يېقىندا، فۇجىيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدە، نېجاغا ئوخشاش ئاشۇنداق تۇغۇلغان بىر بوۋاق كۆرۈلدى.
   يېقىندا، توردا بىر دوختۇر يازغان ماقالە، دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارىلىپ، تىبابەت ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىغان خادىملارنىڭ ماختىشىغا ئىرىشتى.
   ماقالىدە يېزىلغىنى، 36ياشلىق، فۇجىيەنلىك ئايال شىياۋ لىڭ، توي قىلغان 8يىلدىن بىرى ئىزچىل ھامىلدار بولالمىغان؛ بۇ يىل يىل بېشىدا، ئۇ پىروبىركىدا ھامىيلە يىتىشتۈرۈش قىلدۇرۇپ، ئاخىرى ھامىلدار بولغان. لىكىن، ھامىلدارلىق 36-ھەپتىسىگە كەلگەندە، ئۇنىڭدا تۇيۇقسىز قوساق ئاغرىپ سىرتقى جىنسىي يولىدىن قان مېڭىپ كىتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن؛ دوختۇرلار تەكشۈرۈشتىن كىيىن، ھامىيلىك تەتۈر كىلىپ قالغانلىقىنى ھەمدە ھامىيلە ھەمرىيىنىڭ يەلكەن شەكىللىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان، بۇنداق ئەھۋالدا ۋاقتىدا ئوپراتسىيە قىلىپ بالىنى ئېلىۋەتمىگەندە، بالا ئاسانلا قوساقتا ئۆلۈپ كىتىش خەۋپىگە دۇچار بولۇپ قالاتتى.
   7-ئاينىڭ 16-كۈنى، دوختۇرلار ئىنكائۇل ئوپراتسىيىسىنى سىناق قىلىپ، شىياۋلىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا "قاسراققا ئورالغان بوۋاق" تىن بىرنى تۇغقان؛ يەنى، ھامىيلە پەردە خالتىسىغا ئورالغان بەش جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئوغۇل بوۋاقتىن بىرنى تۇغقان.  بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ھالىتى خۇددى غايەت زور بىر سۈزۈك تۇخۇمغا ئوخشايدىغان بولۇپ، دوختۇرخانا تەرەپ، ھامىيلىنىڭ ۋە ئانىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلغان.
   10-ئۆكتەبىر كۈنى، مۇخبىرلار بۇ ماقالىنى يازغان دوختۇرنى—فۇجىيەن ئۆلكىلىك ئانا بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلىمىدىكى پەن مىيەن مۇدىرنى زىيارەت قىلغان. پەن دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، ئادەتتە بالىلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يېغىسى بىللە ئەگىشىپ كىلىدىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ نەپەسلىنىش سېستىمىسىنىڭ يىڭى دۇنياغا ماسلىشىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.
   بىراق بۇ ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ھامىيلە پەردىسى خالتىسىغا ئورالغان بولۇپ، خۇددى ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقتىغا ئوخشاش ئىدى؛ كىيىن دوختۇر ھامىيلە پەردىسى خالىتىسىنى ئېچىپ، بوۋاقنىڭ نەپەسلىنىش سېستىمىسىدىكى باش سۈيىنى تازىلىغاندىن كىيىن، ئۇ ئاندىن يىغلاشنى باشلىغان، ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا يىغلاشنى ساق ئىككى مىنۇت كىيىن باشلىغان.
   پەن دوختۇرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىنىقىنى ئېيتقاندا، "قاسراققا ئورالغان" دىگەن بۇ ئاتالغۇ، خەلق ئارىسىدىكى ئاتىلىش بولۇپ، ئەمىلىيەتتە، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئوراپ تۇرىدىغان ئۇ نىپىز ھەم سۈزۈك كەلگەن قاسراق، ھامىيلە پەردىسى ئىكەن ھەمدە ھەرقانداق بىر بوۋاق، ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقتىدا، مۇشۇنداق بىر قەۋەت ھامىيلە پەردىسى ئىچىگە ئورالغان كىلىدىكەن.  ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇشتا، دوختۇرلار ئاۋال ھامىيلە پەردىسىنى يېرىپ ئاچقاندىن كىيىن، ئاندىن بالىنى تۇغدۇرۇپ ئالىدىكەن؛ بىراق بۇ قېتىم شىياۋلىڭنى تۇغدۇرۇشتا ئىشلەتكەن ئىنكائۇل ئوپراتسىيەسىدە، بالا يەنىلا ھامىيلە پەردىسىگە ئورالغان ھالدا تۇغدۇرىلىدىكەن.
   بۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىشتىكى سەۋەپ، بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالىلار، ۋاقتىدا تۇغۇلغان بالىلارغا قارىغاندا كۆپ ئاجىز بولغانلىقى ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بويان، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپكە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئىنكائۇل ئوپراتسىيەسىيىسىدە، ھامىيلە پەردىسى بوۋاقنى ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقتىغا ئوخشاش قوغداپ، تۇغۇلغاندىن كىيىن تىرىسىدىكى سۇ تەركىبىنىڭ يوقاپ كىتىشىنى ئازلىتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىنىڭ تىز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كىتىشىدىن ساقلىنىدۇ ۋە ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغدۇرۇشنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاققا كەلتۈرىدىغان زەخمىسىنى ئازلىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا، بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان ۋە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىش خەتىرىنى ئازلىتىپ، باش سۈيى توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   بۇ ئوپراتسىيە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىغان تەقدىردىمۇ، شىياۋلىڭ يەنە داۋاملىق تۈردە، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشنى تاللىسا بولىدۇ؛ بۇنىڭدا ئۇنىڭ بىر تاللاش يولى كۆپەيگەن بولىدۇ.
  ھامىيلە پەردىسى ئىنتايىن نىپىز، ئاسان يېرىلىپ كىتىدىغان بولغاچقا، ھامىيلە پەردىسىنى مۇكەممەل ھالدا ساقلاپ قالغان ئاساستا بالىنى تۇغدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى؛ شۇڭا، ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردىلا، ئاندىن بۇ خىل ئوپراتسىيە ئۇسۇلى يولغا قويۇلغان.
   فۇجۇ شەھرىدە، شىياۋلىڭ تۇنجى بولۇپ "قاسراققا ئورالغان بوۋاق" تۇغقان ئايال؛ ئەمما ئۈچ ئايدىن بىرى، بۇ دوختۇرخانىدا، 10نەپەر بوۋاق بۇ ئۇسۇلدا دۇنياغا كۆز ئاچتى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号