ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بىر كويلۇق پۇلدىكى ئايال تىراكتور شوپۇرىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تىزلىتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى كەسىپ ۋە ساھەلەردە نۇرغۇنلىغان ئاۋانگارتلار كۆرۈلگەن؛ ئۇلارنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، كەڭ خەلق ئاممىسى ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، دۆلىتىمىزدە بىر نەپەر ئايال تىراكتور شوپۇرى پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇ تېراكتور ھەيدىگەندە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلىپ ھەيدىگەچكە، ئەينى ۋاقىتتا مۇخبىرلار ئۇ ئايال شوپۇرنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. كېيىنچە، مۇخبىر تارتىۋالغان بۇ سۈرەت، بىر يۈەن خەلق پۇلىنىڭ ئوڭ يۈزىگە بېسىلىدىغانغا تاللانغان. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئايال شوپۇرنىڭ ئۆزى، بۇ ئەھۋالنى تېخى بىلمەيتتى. ئارىدىن 40يىل ئۆتكەندىن كىيىن، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگرامما باشقۇرغۇچىسى، ئۇ ئايالنى(بۇ ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇنلا مومايغا ئايلىنىپ بولغان) ئىزدەپ بارغاندىن كىيىن، ئۇ ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدە بىر يۈەنلىك پۇلغا بېسىلغان سۈرەتتىكى ئاشۇ ئايال تىراكتور شوپۇرى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.
   بۇ موماي، دەل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىنكى تۇنجى ئايال تېراكتور شوپۇرى، لىياڭ جۈن. لىياڭ جۈن 1930-يىلى تۇغۇلۇپ، 1947-يىلى رەسمىي خىزمەتكە قاتناشقان. 1948-يىلى، مەركەز سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تېراكتور كىرگۈزۈپ، بېيدا خۇاڭدا بوز يەر ئېچىشنى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئەسلىگە ئەكېلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا، خېيلۇڭجىياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، بېيئەندە تېراكتور شوپۇرلىرى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرگە قىزىقىدىغان لىياڭ جۈنمۇ بۇ كۇرسقا تىزىملاتقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئاياللىرى تېراكتور ھەيدىيەلىگەن ئىكەن، جۇڭگولۇق ئاياللارمۇ ئەلۋەتتە ھەيدىيەلەيتتى. بىراق، ئۇ تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن، بۇ قېتىم تىزىمغا ئالدۇرغان كۇرسانتلارنىڭ ئىچىدە، پەقەت ئۆزى يالغۇز بىرلا ئايال كىشى بارلىقىنى بايقىغان.
   بۇ ئەھۋالنى بايقىغاندىن كىيىن، لىياڭ جۈن كۇرسقا قاتنىشىشتىن يالتىيىپ قالغان؛ بۇ ۋاقىتتا، ياتاق باشقۇرغۇچى سۇ ئانا، "سىزنىڭ تېراكتور ھەيدەشنى ئۆگىنىشىڭىز، بىز ئاياللار ئۈچۈن شەرەپ ئېلىپ كەلگىنىڭىز؛ قورقماڭ، سىز مەن بىلەن بىر ياتاقتا تۇرۇڭ" دەپ ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا، كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تېراكتورنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان بولۇپ، زاپچاسلىرى چوڭ ھەم قولايسىز ئىدى، ھەتتا قورامىغا يەتكەن يىگىتلەرنىڭمۇ خېلىلا كۈچىشىگە توغرا كېلەتتى. بىراق، لىياڭ جۈن چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىپ ئۆتۈپ كەتتى، نەچچە ئون جىڭ ئېغىرلىقتىكى زاپچاسلارنى، كۆتۈرۈپلا ماڭاتتى. كىيىن، ئۇ تېراكتور ھەيدەشنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئاددىي بولغان رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش تېخىنىكىلىرىنىمۇ ئۆگىنىۋالدى.
   لىياڭ جۈن بىلەن يەنە باشقا ئىككى كۇرسانت تېراكتورنى ھەيدەپ مىڭيا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۆرە-تۆپە بولۇپ كېتىشتى؛ چۈنكى، بىرىنچىدىن كەنت ئاھالىلىرى سوۋېتنىڭ بۇنداق ئىلغار ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، ئىككىنچىدىن ئۇلار بىر قىز بالىنىڭ تېراكتور ھەيدىگىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتاتتى. لىياڭ جۈننىڭ تېراكتور ھەيدىگەن ھالىتى، قەدىمكى دەۋر ئۇرۇن مەيدانلىرىدىكى ئايال سانغونلارغا ئوخشايتتى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، لىياڭ جۈن ئۆزىنىڭ تۇنجى ئايال شاگىرتىنى باشلاپ، بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن لۇ جىياگاڭغا كەلدى. كېيىنچە، بېيداخۇاڭدا بىر ئايال تېراكتور شوپۇرى بارلىقى، پۈتۈن مەملىكەتكە پۇر كەتتى، لىياڭ جۈنمۇ بېيدا خۇاڭدىكى ئىلغار شەخسكە ئايلاندى.
   1951-يىللى، دۆلىتىمىز ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تۇنجى تۈركۈم تېراكتور، خېيلۇڭجىياڭغا ئېلىپ كېلىندى؛ لىياڭ جۈن بۇ ۋاقىتتا ھاياجىنىنى باسالماي، تېراكتورنى ھەيدەپ بىر چۆرگۈلەپ چىقتى. ئەينى ۋاقىتتا، نەخ مەيداندىكى بىر مۇخبىر ، قولىدىكى فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق، بۇ پەيتنى خاتىرلىۋالدى. كىيىن، 1962-يىلى 4-ئايدا تارقىتىلغان ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى بىر يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇل يۈزىدىكى ئايال تېراكتور شوپۇرى، دەل بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن لىياڭ جۈندۇر. بىراق ئالاقىدار ئورۇنلار، بۇ ئەھۋالنى لىياڭ جۈننىڭ ئۆزىگە ئۇقتۇرۇش قىلمىغان. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوست بۇرادەرلىرى، ئۇنىڭغا بىر يۈەنلىك پۇلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، "بۇ سەنمۇ" دەپ سورىغان ۋاقىتتا، ئۇ پەقەت بىلمەيمەن دەپلا جاۋاب بېرەلىگەن.  ئاخىرىدا، ئارىدىن قىرىق يىل ئۆتۈپ، 2003-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگرامما رىياسەتچىسى سۈي يوڭيۈەننىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، لىياڭ جۈن ئاندىن بىر يۈەنلىك پۇل يۈزىدىكى ئايال تېراكتور شوپۇرىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى تۇلۇق جەزىملەشتۈرەلىگەن.
   لىياڭ جۈن، بىر ئەۋلاد ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدىكى نەمۇنىچى ۋەكىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەمئىيەتكە ھەرۋاقىت ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ تۇرماقتا.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号