ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مىھمان چاقىرىشتا، بۇ نوقتىلارنى بىلمىسىڭىز چاقىرمىغىنىڭىز ياخشى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-08كۆرۈلىشى : قېتىم
   دۆلىتىمىز خەلقى، غىزالىنىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بىر خەلق؛ دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن ئىشلار تاماق ئۈستىلىدە بىرلىككە كىلىنىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئاداۋەتلەرمۇ تاماق ئۈستىلىدە پەيدا بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ خىل مىھماندارچىلىق تامىقىنى قانداق يىيىش كېرەك؟ ئەمىلىيەتتە بەك مۇرەككەپمۇ ئەمەس، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ چوڭ نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
بىرىنچى دىققەت: ۋاقىتقا رىئايە قىلىش
   ھازىرقى زامان شەھەرلىرى ئىنتايىن قىستاڭچىلىق، ئەگەر سىز مىھماندارچىلىق سورىنىدىكى ئەڭ چوڭ خوجايىن ياكى ئەڭ چوڭ رەھبەر بولمىسىڭىزلا، ئۇنداقتا سورۇنغا كىچىكىپ قالماسلىقىڭىز كېرەك. دۆلىتىمىز ئەدەپ-ئەخلاقنى يۈكسەك دەرىجىدە تەرغىپ قىلىدىغان دۆلەت، ئادەتتە ئادەمنىڭ ھەممىسى تۇلۇق كىلىپ بولغاندا ئاندىن سورۇن باشلىنىدۇ؛ ئەگەر ئون نەچچە ئادەم سىز بىر ئادەمنى ساقلىسا، قانچە ئۇزۇن ساقلىغانسىرى سىزگە شۇنچە ئۆچ بولۇپ  قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆپ كۆرىلىۋەرسە، ئاخىرىدا سىزنى چاقىرماس بولىدۇ.
   يەنە بىر نوقتا، "بۆرەك كەلدى" ھىكايىسىگە ئوخشاش ئەھۋالدىن ساقلىنىڭ! ئىنىقلا 50-40مىنۇتتا ئاندىن يىتىپ بارالايدىغان، ئىنىقلا تېخى ئۆيىڭىزدىن چىقمىغان تۇرۇپ، مانا كەلدىم، ھازىرلا يىتىپ بارىمەن دىسىڭىز، بۇ خىل ئەھۋال نەچچە قېتىم يېغىلىپ قالغاندىن كىيىن، سىزگە ئىشنىدىغان ئادەم قالمايدۇ.
   بۇندىن باشقا، مىھمان چاقىرغان ئادەم سورۇنغا بىرىنچى بولۇپ يىتىپ كىلىشى كېرەك؛ باشقا كىشىلەر مىھماندارچىلىققا بېرىپ باقمىغان ئادەمدەك بالدۇرلا بېرىۋالماسلىقى، ھەم ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ رەھبەرنىڭمۇ كەينىدە يىتىپ كەلمەسلىكى لازىم. سورۇنغا مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىپ يانفون ئوينىغاچ ساقلاپ، دىيىشكە ۋاقىتتىن بەش مىنۇت بۇرۇن سورۇنغا كىرسىڭىز مەيلى، ئەمما ھەممە ئادەم سىزنىڭ كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىدىغان ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىڭ.
ئىككىنچى دىققەت: دوستانە ئاساستا باردى كەلدى قىلىش
   قەيەردە تاماق يىيىش مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى كىملەر بىلەن بىللە يىيىش؛ نىمىلەرنى يىيىش مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى خۇشال-خۇرام ھالەتتە يىيىش؛ كىمنىڭ پۇل تۆلىشى مۇھىم ئەمەس،  مۇھىم بولغىنى ئوخشاش دەرىجىدىكىلەر نۆۋەت بويىچە ساھىبخان بولۇش. ئەلۋەتتە، ئىككى خىل كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ ساھىبخان بولۇشى كەتمەيدۇ: چوڭ رەھبەر ۋە ياردەم سورالغۇچى.
   ئادەتتىكى پىرىنسىپ: كىم چاقىرسا شۇ ساھىبخان بولۇش، كىمنىڭ تەۋەلىكى بولسا شۇ ساھىبخان بولۇش، كىمنىڭ پۇل كۆپ بولسا شۇ ساھىبخان بولۇش؛ ۋە ياكى بۇ چەمبىرەكتىكىلەر تۇنجى قېتىمدىن باشلاپلا چىقىمنى تەڭ كۆتۈرۈش ياكى نۆۋەتلىشىپ ساھىبخان بولۇش.
   بەلكىم مەلۇم بىر ئادەم بىلەن تاماق يىگەندە، قارشى تەرەپ ئون قېتىم ساھىبخان بولغان بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما سىزمۇ، ھېچبولمىغان ئۈچ-تۆت قېتىم بولسىمۇ، ساھىبخان بولۇپ  قارشى تەرەپنى چاقىرۋىلىشىڭىز كېرەك.
ئۈچىنچى دىققەت: قائىدە-يۇسۇنغا دىققەت قىلىش
   باشقىلار رومكىنى قولىغا ئالسا سىزمۇ ئېلىڭ؛ باشقىلار كۆتۈرۋەتسە، سىز ھاراق ئىچىشنى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، رومكىنى قولىڭىزغا ئېلىپ يالغاندىن بولسىمۇ كۆتۈرۈپ قويۇڭ، ۋە پۇرسەت تېپىپ ئىچەلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئىزاھلاڭ؛ باشقىلار تاماققا باقسا سىزمۇ بېقىڭ؛ باشقىلار ئورنىدىن تۇرسا سىزمۇ تۇرۇڭ؛ خوجايىن بىر رەت ھاراق تۇتۇپ بولغاندىن كىيىن، سىز ئاندىن ھاراق تۇتۇڭ؛ باشقىلار جىم ئولتۇرسا سىزمۇ جىم ئولتۇرۇڭ.
   ھەرقانداق بىر مىھماندارچىلىقنىڭ، ئۆزىگە يارىشا بەلگىلىك تەرتىۋى ۋە مەقسىتى بار؛ مىھماندارچىلىق خۇددى تەشكىللىك ۋە نىشانلىق بولغان قىسمەن كۈرەشكە ئوخشايدىغان بولۇپ، قائىدە-يۇسۇنغا دىققەت قىلماي ئالدىغا چىقىۋالغان ئادەمگە ئوق تىگىپ كىتىدۇ، قائىدە يۇسۇننى ساقلىغان ئادەم بولسا باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ. بۇنىڭدا، باشقىلار ئاندىن كىيىنكى قېتىممۇ سىزنى چاقىرۋالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号