ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئون چوڭ داڭلىق ئاشپەز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېقىندا، ئامىرىكىدىكى مەلۇم بىر تور بىكىتى، دۇنيا مىقياسىدىكى داڭلىق ئاشپەز ئۇستاملارنىڭ كىرىم سەۋيىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېلان قىلغان؛ بۇ سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئون چوڭ ئاشپەز ئۇستاملار تۆۋەندىكىچە:
گوردون.رامساي
   كىرىمى: 38مىليۇن ئامرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 260مىليۇن يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ)
  ئۇزۇن يىلدىن بىرى ئامرىكىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئاشپەز ئورنىدا مۇقىم ئولتۇرۇپ كەرگەن بولۇپ، "دوزاخ ئاشپەز ئىلاھى" ناملىق پىروگىراممىغا رىياسەتچىلىك قىلغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ زور دىققىتىگە ئىرىشىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ ئىلكىدە 23 ئاشخانا بار.
 
راچىل.راي
   كىرىمى: 25مىليۇن ئامرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 170مىليۇن يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ)
   راچىلنىڭ ئىلكىدە ئاشخانا يوق، ئەمما ئۇنىڭ ھەرقايسى تائام قاناللىرىنىڭ ھەممىسىدە پىروگىراممىلىرى بار؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يېقىندا 20 پارچە خۇسۇسى تائام رىسالىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھەربىر پارچە تاماق رىسالىسى، سېتىلىشى ئىنتايىن ياخشى كىتاپقا ئايلانغان.
 
ۋولفگاڭ.پۇك
   كىرىمى: 20مىليۇن ئامرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 140مىليۇن يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ)
   ۋولفگاڭنىڭ ئۆزگىچە بولغان پىسا قاتلىمىسى پىشۇرۇش ماھارىتى بولۇپ، ئۇمۇ مۇشۇ سەۋەپلىك داڭ چىقارغان. ئۇنىڭ ئۆزى قۇرۇپ چىققان ماركىدىكى پىسا قاتلىمىسىنى، ئامرىكىدىكى ھەرقايسى تاللا بازارلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
 
پاۋلا.دىئىن
   كىرىمى: 17مىليۇن ئامرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 120مىليۇن يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ)
   پاۋلاغا نەچچە يىل ئىلگىرى دىئابىت كىسەللىكى دەپ دىئاگونوز قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ "سېرىق ماي ئايال شاھى" دىگەن نامىغا قىلچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. ھازىر ئۇ نەشىردىن چىقارغان  ئۇرۇقلاش تائام رىسالىسى، ساغلاملىق تاماق رىسالىسى قاتارلىق كىتاپلار، ھەرقايسى دۆلەتلەردە، كىشىلەر تالىشىپ سېتىۋالىدىغان كىتابقا ئايلانغان.
 
مارىئو.باتالى
   كىرىمى: 13مىليۇن ئامرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 89مىليۇن يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ)
   مارىئۇ ھازىر ئامرىكىدىكى بىر تائام پىروگىراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، داڭقى كەڭ تارالغان. ئۇ ھازىر ئىتالىيە چۆپى، قىيام، چاپلاشماس قازان قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرخىل ئوبراز ۋەكىللىكىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنى ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلارنى ئاساسەن رەت قىلمايدۇ.
 
ئالىن.دۇكاسىن
   كىرىمى: 12مىليۇن ئامرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 83مىليۇن يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ)
   ئالىن، ئىلگىرى ئۈچ قېتىم "مىچىلىن يۇلتۇزى" شەرپىگە ئىرىشكەن بولۇپ، لاس ۋىگاستا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رىستورانىدىن بىرسى بار؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، فىرانسىيە پارىژدىكى بىر ئاشپەزچىلىك مەكتىۋىگىمۇ، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن نام بىرىلگەن.
 
تود.ئىنگىلىز
   كىرىمى: 11مىليۇن ئامرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 77مىليۇن يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ)
   بۇ چولپان ئاشپەز ئۇستام، يېقىندا سودىسىنى كوللىكتىپ سېتىۋىلىش تورىغا كېڭەيتكەن بولۇپ، پەقەت 25000ئامرىكا دوللىرى تۆلىسىڭىزلا، ئۇنىڭ خۇسۇسى ئاشپەزچىلىك دەرىسىگە قاتىنىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيسىز ھەمدە ئىنگىلىز ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر ۋاخ كەچلىك تاماقنى بىللە يىيەلەيسىز. ئۇ يەنە ئىلىكتىر قۇۋۋىتىدە ئايلنىدىغان كاۋاپ پىشۇرۇش جازىسى پاتىنتى ئىلتىماس قىلغان.
 
سۇڭجىيۇ شىنشىن
   كىرىمى: 10مىليۇن ئامرىكا دوللىرى
   ياپونيەلىك سۇڭجىيۇ شىنشىن، نۆۋەتتە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە 32ئاشخانىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرۋاتقان بولۇپ، كىلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئامرىكىنىڭ لاس ۋىگاستا يىڭى بىر تارماق ئاشخانا ئېچىشنى پىلانلىغان.
 
باب.فۇرى
   كىرىمى: 10مىليۇن ئامرىكا دوللىرى
   باب.فۇرى مىكسىكىلىق بولۇپ، ئىلكىدە ھامبۇرگ بولكىسى زەنجىرسىمان دوكىنىدىن ئونى، ئالى دەرىجىلىك ئاشخانىدىن ئالتىسى بار. ئۇ يېقىندا، تىلىۋىزىيە پىروگىراممىسىغا قاراپ تەرەققى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
 
گاي.فۇلىرۇ
   كىرىمى: 8مىليۇن ئامرىكا دوللىرى
   گاي.فۇلىرۇ، يىڭى بىر ئەۋلاد چولپان ئاشپەز ئۇستاملارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان تائام پىروگىراممىسى، سىملىق تىلىۋىزىيە قانىلىدا ھەركۈنى سەككىز قېتىم قويىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号