ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قان بېسىمنى چۈشۈرۈشكە پايدىلىق يىمەكلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرىلاپ كىتىش، ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىتابولىزىم كىسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكى قاتارلىقلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرىلاپ كىتىشكە قارىتا، بىز ئادەتتە دورىلىق داۋالاش، ھەرىكەت قىلىش ۋە يىمەك ئىچمەك ئارقىلىق كونتىرول قىلالايمىز. كۈز كۈنلىرى ئادەمنىڭ قان بېسىمى ئاسانلا يۇقىرى ئۆرلەپ كىتىدىغان مەزگىل بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا، يىمەك-ئىچمەك ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئۇنداقتا، قايسى خىلدىكى يىمەكلىكلەر قان بېسىمنى چۈشۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ؟
كۈدە
   كۈدە تەركىبىدە تالا ماددىلىرى نىسبەتەن مول بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئاشۇرۇپ، ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، كۈدە تەركىبىدە تارقىلىشچان ماي ۋە گۈڭگۈرتلۈك بىرىكمىلەر بار بولۇپ، بۇ ماددىلار قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈنىمى كۆرسىتىدۇ.
ئۈرۈك مېغىزى
  ئامرىكا لومالىندا داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە،ئۈرۈك مېغىزىنىڭ تۆۋەن زىچلىك ئاقسىلنى(ناچار خولىستىرىن) ئازايتىش ئۈنۈمى بار ئىكەن. خولىستىرىن يۇقىرى كىشىلەر، ھەركۈنى 74گىرام ئۈرۈك مېغىزى يەپ بەرسە، بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندىن كىيىن، قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى تۆۋەن زىچلىق ئاقسىل سەۋيىسى %9.4 تۆۋەنلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
ياڭيۇ
   داغلاپ پىشۇرۇلغان ياڭيۇ قەلەمچىسى ۋە ياڭيۇ ياپراقچىسى، قىلچىلىك گۇمانلىنىش كەتمەيدىغان ئەخلەت يىمەكلىك؛ بىراق، ياڭيۇنى باشقا ئۇسۇلدا پىشۇرسا، ئۇ بىر ساغلام يىمەكلىك ھىسابلىنىدۇ. ياڭيۇ، كالىي ماددىسىنىڭ ئەڭ ياخشى كىلىش مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
سامساق
   سامساق، زەنجىۋىل قاتارلىق يىمەكلىكلەر، ئەزەلدىن راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى يىمەكلىك بولۇپ كەلگەن. لىكىن، سامساقنىڭ تەركىبىدە تارقىلىشچان ئاچچىق تەملىك ماددا بار بولۇپ، قان تۇمۇرلاردىكى ياغلارنى تازىلاش ئۈنۈمىگە ۋە كۆرۈنەرلىك بولغان خولىسىتىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، سامساقنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.
بېلىق
   بېلىق، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ مۇھىم كىلىش مەنبەسى بولۇپ، بەزى بېلىقلار تەركىبىدە يەنە ۋىيتامىنD ماددىسى مول؛ تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ۋىيتامىن Dنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار.
سۇلۇ
   سۇلۇ تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى بىرقەدەر مول، بۇندىن باشقا يەنە، ساپونىن ۋە ۋىيتامىنE تەركىبىمۇ بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىشكە قارىتا بەلگىلىك پايدىسى بار.
كەرەپشە
   كەرەپشنىڭ تالا ماددىسى تەركىبى مول، بولۇپمۇ بەزىبىر قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان تەركىبلىرى بار بولۇپ، كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
پىياز
   پىيازنىڭ قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىشى، ئاساسلىقى ئۇنىڭ تەركىبىدە دىئېن، پىروپىل دىسولفىد ۋە ئامىنو كىسلاتالىرى قاتارلىق ماددىلارنىڭ بار بولغانلىقىدا بولۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. بۇندىن باشقا، پىياز تەركىبىدىكى مەزى بېزىAماددىسى، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، تاجىسىمان ئارتىرىيەدىكى قان ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号