ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تاماق تەييارلاش جەريانىدىكى قوللىنىشچان تاكتىكىلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
جۇۋاۋا پىشۇرغاندا
   جۇۋاۋا پىشۇرغاندا، سۇنى كۆپرەك قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندىن كىيىن ئاۋال ئازراق تۇز قۇشۇپ، تۇز پۈتۈنلەي ئىرىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن جۇۋاۋىنى سۇغا سالساق، سۇ تەركىبىدىكى تۇز جۇۋاۋا خېمىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، جۇۋاۋا قازانغا ۋە بىر-بىرىگە چاپلىشىۋالمايدۇ ھەم جۇۋاۋا خېمىرى تىتىلىپ قىيمىسى چىقىپ كەتمەيدۇ، جۇۋاۋىنىڭ رەڭگىمۇ ئاق چىقىدۇ.
توخۇ شورپىسى قايناتقاندا
   توخۇ شورپىسى قايناتقاندا، كۆك كاۋا، موگو دىگەنگە ئوخشاش ماي سۈمۈرىدىغان كۆكتاتلاردىن قوشۇپ بىللە قايناتساق، شورپا ئۇنداق مايلىق چىقىۋالمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئازراق ئاچچىق بامبۇك نوتىسى قوشساق، شورپا تەركىبىدىكى ماينى تىزلا نىتراللاشتۇرۇپ، شورپا تەملىك چىقىدۇ.
توڭلىتىلغان بېلىقنى ئىرىتىش
   توڭلىتىپ ساقلانغان بېلىقنى توڭلاتقۇدىن ئالغاندىن كىيىن، داس ئىچىگە سېلىپ، ئازراق سۇ قۇيغاندىن كىيىن ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسەك، بېلىق بەش مىنۇتقا قالماي ئىرىپ بولىدۇ.
سامساق پۇرىقىنى يوقىتىش
   تاماق ئەتكەندە، سامساق زەنجىۋىل دىگەندەك پۇرىقى ۋە تەمى كۈچلۈك خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى ئىشلىتىمىز؛ بۇ خىل پۇراقلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قولىمىزغا سىڭىپ قېلىپ، ئادەتتىكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىپمۇ يوقىتالمايمىز. بۇ ۋاقىتتا، قولىمىزغا ئازراق چىش پاستىسى سۇۋاپ يۇساق، چىش پاستىسى قولىمىزدىكى غەلىتە پۇراقلارنى تىز سۈرئەتتە يوقىتىدۇ.
قازاندىكى ماي چاچراپ چىقىشتىن ساقلىنىش
   ئادەتتە تاماق قىلغاندا، بولۇپمۇ يىمەكلىكلەرنى مايدا داغلىغاندا، ماي قىزىپ كەتكەندىن كىيىن چاچراپ تىشىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ يۈز-قوللىرىنى كۆيدۈرۈپلا قالماي، بەزىدە ھەتتا ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە، قازاندىكى مايغا نەچچە تال كاۋاۋاىچىن تاشلىۋەتسەك، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
يىشىل چاي بىلەن زاراڭزىنىڭ رولى
   يىشىل چايدىن 10گىرام، زاراڭزىدىن 5گىرام تەييارلاپ، ئىككىسىنى قوشۇپ چاي دەملەپ ئەتىگىنى ئىچىپ بەرسەك ھەمدە يېرىم ئاي داۋاملاشتۇرساق، سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بىمارلارغا قارىتا ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
كۆزگە كىرىپ كەتكەن نەرسىنى چىقىرۋىتىش
   كۆزىمىزگە غەلىتە نەرسىلەر كىرىۋالغان بولسا، باش بارمىقىمىز بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىمىزدا كۆز قاپىقىمىزنى ئازراق كۆتۈرۈپ ئېچىپ، بېشىمىزنى سەل تۆۋە قىلىپ كۈچەپ نەچچىنى ھۆتەلسەك، كۆزىمىزگە كىرىپ كەتكەن نەرسە چىقىپ كىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号