ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
گالغا بېلىق قىلتىرىقى تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بېلىق گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئامىنو  كىسلاتا، ئاقسىل، كالتسىي قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار، ئادەم بەدىنىگە تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرىلىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، نۇرغۇن كىشىلەر بېلىق گۆشىنى بارغانسىرى ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان بولدى. بىراق، بېلىق يىگەن ۋاقىتتا، بەزىدە بېلىقنىڭ قىلتىرىقى گالغا تۈرۈپ قېلىپ، بىزگە بەلگىلىك دەرىجىدە بىئاراملىق ئېلىپ كىلىدۇ.
   ئۇنداقتا ئەگەر گالغا بېلىق قىلتىرىقى تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك؟ ئادەتتە كۆپىنچە كىشىلەر ئاچچىقسۇ ئىچىش ياكى نان چايناپ يۇتۇشنى تاللايدۇ. ئەمىلىيەتتە يەنە بىر خىل ئۇسۇل بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئازراق غولپىياز ۋە ئاق شىكەر تەييارلاپ، غولپىيازنى بۇرنىمىزغا تىقىپ تۇرۇپ ئاق شىكەرنى ئاستاغىنا ئېغىزىمىزغا سېلىپ يۇتساق، تۈرۈپ قالغان قىلتىرىق ئاستا-ئاستا ئاشقازانغا قاراپ چۈشۈپ كىتىدۇ.
   گالغا بېلىق قىلتىرىقى تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىشنى كۆرۈپ بولدۇق، ئەمدى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە، قىزارتىپ پىشۇرۇلغان بېلىق تەييارلاش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى!
 
قىزارتىپ پىشۇرۇلغان بېلىق
كىتەرلىك ماتىريال: بېلىق، خاسىڭ مېيى، تۇز، مۇچ قىيامى، غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىل
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. بېلىقنى تازىلاپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ئىككى تەرىپىنى پىچاقتا نەچچىنى تىلىپ قويىمىز.
   2. بېلىقنىڭ ئىككى يۈزى ۋە ئىچىگە تۇز سۇۋاپ، بېلىقنى تۇزلايمىز.
   3. قازاننى ئېسىپ، ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، ئۇششاق توغرالغان زەنجىۋىل بىلەن سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز.
   4. بېلىقنى قازانغا سالىمىز.
   5. بېلىقنى ئىككى تەرىپى سارغايغىچىلىك داغلايمىز.
   6. قازانغا قىزىلمۇچ قىيامى ۋە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ قاينىتىپ دۈملەيمىز.
   7. سۈيى تۈگەي دىگەندە ئۈستىگە توغرالغان غولپىياز مايسىسىنى سېپىۋىتىپ، تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号