ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
توڭلاتقۇغا سېلىپ قويسا تېخىمۇ تىز بۇزۇلىدىغان يىمەكلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-06كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھاۋا ئىسسىق ۋاقىتلاردا، كىشىلەر يىڭىدىن سېتىۋىلىپ كەلگەن ئەمما دەرھال يەپ بولالمىغان يىمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ يىڭى ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. يىمەكلىكنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىغاندا، ھەقىقەتەن يىڭى ساقلىغىلى ۋە بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؛ بىراق، ئايرىم بىر قىسىم يىمەكلىكلەرنى، ئەمىلىيەتتە توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاشقا ماس كەلمەيدۇ. بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەرنى ئۆي تىمپىراتۇرسىدا ساقلىسا نىسبەتەن ياخشى بولۇپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىسا ئەكسىچە تىز بۇزۇلۇپ قالىدۇ.
شاكلات
    ئەگەر ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتسە، ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ يۇمشاپ ئىرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلايمىز. بىراق، شاكلات تەركىبىدە ياغ تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر توڭلاتقۇنىڭ  سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىنىڭ تىمپىراتۇرسى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا، شاكلات تەركىبىدىكى سۇ تەركىبى مۇزلاپ، ياغ تەركىبىنىڭ ئوكسىدلىنىشىنى تىزلىتىۋىتىدۇ؛ بۇنىڭدا، شاكلات گەرچە تىز ئىرىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما تەمى ناچار بولۇپ قېلىش بىلەن بىرگە، بۇزۇلۇشىمۇ تىزلىشىپ، چۈچۈمەل تەمگە كىرىپ قالىدۇ.
ياڭيۇ
   ياڭيۇ قاتارلىق كىراخمال تەركىبى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاشقا ماس كەلمەيدۇ. ياڭيۇنىڭ كىراخمال تەركىبى يۇقىرى، توڭلاتقۇ ئىچىنىڭ تىمپىراتۇرسى بولسا تۆۋەن؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر ياڭيۇنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىساق، تەركىبىدىكى كىراخمالنىڭ قەنتكە ئۆزگىرىشىنى ۋە ئوكسىدلىنىش سۈرئىتىنى تىزلىتىپ، بۇ سەۋەپلىك ياڭيۇنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشىنىمۇ تىزلىتىۋىتىدۇ.
 
ئىسسىق بەلباغ مىۋىلىرى
   ماڭگو، بانان قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ مىۋىلىرى، ئەسلىدىنلا يۇقىرى تىمپىراتۇرغا بىرقەدەر ماسلىشىدىغان كىلىدۇ؛ بىراق ئۇلارنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىساق، توڭلاتقۇ ئىشكابىنىڭ تۆۋەن تىمپىراتۇرسى تەسىرىدە، بىرىنچىدىن ئۇلارنىڭ تەمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىككىنچىدىن ئۇلارنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىنى تىزلىتىۋىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ خىلدىكى مىۋىلەرنى، قۇرغاق ھەم تەسكەي ئورۇندا ساقلىساقلا بولىدۇ.
بولكا قاتارلىق خېمىرنى ئېچىتىپ تەييارلىغان يىمەكلىكلەر
   خىزمەتتىكى كىشىلەر ئادەتتە ئالدىراش بولغاچقا، ناشتىلىق تەييارلاشقا كۆپ ۋاقتى چىقمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، كىشىلەر تەييار بولكا سېتىۋىلىپ ھەمدە توڭلاتقۇدا ساقلاپ، ئەتىگىنى ناشتا قىلىشقا ئادەتلەنگەن. بىراق، بولكا، موما قاتارلىق خېمىرنى ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىغان يىمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىغاندا، تۆۋەن تىمپىراتۇرا ۋە زىيادە كۆپ سۇ تەركىبى ئۇلارنىڭ قېتىۋىلىشىنى تىزلىتىپ، ئەسلىدىكى يۇمشاقلىقىنى يوقىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بولكىنى يىڭى ساقلاش پىلاستىرىغا ئوراپ ساقلىساقلا بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بولكىنى ئۇزۇن ساقلىماي تىزدىن ئىستىمال قىلىۋىتىش كىرەك، بولمىسا ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ.
تۇزلانغان يىمەكلىكلەر
   ئادەتتە بىر قېتىم تۇزلىغان يىمەكلىكنى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئىستىمال قىلىمىز، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر تۇزلانغان يىمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمىلىيەتتە مەيلى تۇزلانغان گۆش بولسۇن ياكى كۆكتات بولسۇن، توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاشقا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، تۇزلانغان يىمەكلىكلەرنى تەييارلاش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان تۇز ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، تۇزلانغان يىمەكلىكلەرنى ئەسلىدىنلا ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاشقا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىساق، ئەكسىچە بۇزۇلۇشى تىزراق بولۇپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号