ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاشىق-مەشۇق دىگەن مۇنداق بولغۇلۇق
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-05كۆرۈلىشى : قېتىم
   جەمئىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيە-قاراشلىرى ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆزگىرىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، مۇھەببەتلىشىش ۋە تويلىشىش، ئاللىبۇرۇنلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇھەببەتلەشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز خاھىشىنى ئاساس قىلىدىغان بولدى. بىراق، ئەركىنلىك بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە، ئاخىرىدا بەخىتلىك بولالىشىمۇ ناتايىن بولۇپ قالىدۇ. ئىش ئۇقمايدىغان كىچىك ياشتىكى ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئويلىشى ئۇنچە ئومۇميۈزلۈك بولالمايدىغان بولغاچقا، ئاخىرىدا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىمۇ قوشۇپ يۈز-ئابرويىغا داغ تەككۈزۈشتۈر. خۇددى تۆۋەندىكى بىر جۈپ ئوغۇل-قىزغا ئوخشاش، قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدىكىلىرى خىجىللىقىدىن كىرىدىغان يەر تاپالماي قالغان.
   2019-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى شىياڭشىياڭ ۋوگزالى مەيدانى. بىر جۈپ ياش ئاشىق-مەشۇقلار ئۆز-ئارا قۇچاقلاشقان پېتى يەردە تىزلىنىپ ئولتۇرغان، يان تەرەپتىكى بىر جۈپ ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-خوتۇن ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئاجرىتىۋىتىشكە كۈچەۋاتقان بولغاچقا، قىز بالا تەڭلىك تارتىپ يىغلاشقا باشلىغان. بۇ ئارىلىقتا، نەخ مەيدانغا يولدىن ئۆتۈپ كىتىپ بارغان كىشىلەر توپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرقى زامانغا كەلگەندىمۇ، نىمە دەپ يەنە پەرزەنتىلىرىنىڭ مۇھەببەت ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋالىدىغان ئاتا-ئانىلار باردۇ دەپ ئەجەبلىنىۋاتاتتى. كۆپچىلىك كۇسۇرلىشىپ مۇنازىرلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، ساقچىخانا ساقچىلىرى نەخ مەيدانغا يىتىپ كىلىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، كۆپچىلىك ئاندىن بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.
   يەردە ئولتۇرۇپ قالغان قىزنىڭ ئىسمى شىياۋ چىن بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى 17ياش ۋاقىتدا، توردا ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفىي شەھرىدىن بولغان 15ياشلىق ئوغۇل شىياۋ خې بىلەن تۇنۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن؛ ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلار يۇشۇرۇنچە چىقىپ يۈز كۈرۈشكەن ھەمدە ئاتا-ئانىسى خەۋەرسىز ئەھۋال ئاستىدا، چەكتىن ھالقىپ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن. قىزنىڭ دادىسى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن، بىراقلا تاۋان تاشلاپ، بالىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىدەك ئەھۋالنى ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئېيتقان؛ قىزى ئۆزى تاللىغان يول بولغاندىكى، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككەيلەن گەرچە يۈزى تۆكۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما سۈكۈت قىلىپ قوشۇلۇشنى تاللىغان.
   شۇنداق قىلىپ، ئوغۇل بىلەن قىز ئىككىسى ئوقۇشتىن توختاپ، شىياڭشىياڭدا ئىشلىگەن. بىراق، بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە يېرىم يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەگەر قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ياردەم قىلىپ تۇرمىغان بولسا، ئوغۇل بىلەن قىز ئىككىسى كوچىدا سەرگەردان بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار ئىدى. بۇ مەزگىلدە، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئوغۇل شىياۋ خېنىڭ ھۇرۇن تەييارتاپ ئىكەنلىكىنى، كۈندە ئۇخلاشتىن باشقا ھېچنىمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ سەۋەپلىك، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ ئەقلى ھۇشىنى يېغىپ، ئوغۇلدىن ئايرىلىپ كىتىشنى تەلەپ قىلغان. قىز ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىۋىنى ئوغۇلغا سۆزلەپ بىرىپ، ئىككىسى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى، بىرلىكتە باشقا جايغا قېچىپ كىتىشنى مەسلىھەتلەشكەن.
   شۇڭلاشقا، ئالدىدا بىز سۆزلەپ ئۆتكەن، ۋوگزال مەيدانىدىكى ھېلىقى كۈرۈنۈش شەكىللەنگەن. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككىسىنى ۋوگزالدا توسىۋالغان بولۇپ، تۆتەيلەن غەۋغا كۆتۈرۈپ ۋوگزالنى بىر ئالغان. خەلق ساقچىلىرى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كىيىن، ئوغۇلنى ئاۋال ئۆيىگە قايتىپ ئۆيىدىكىلەرگە ئەھۋالنى ئىنىق چۈشەندۈرگەن ھەمدە ئۆزىنى ئۆزى باقالىغۇدەك بولغاندىن كىيىن، ئاندىن كىلىپ قىزنى ئېلىپ كىتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان. بىراق، ئوغۇل بۇنى ئاڭلاپ ئاچچىقلىنىپ قاقشاپ كەتكەن؛ ئۇ  ئۆزىنىڭ ھۇرۇن تەييار تاپ ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى ئايدا شىياڭشىياڭغا كىلىشى، دەل قىزنى خېفېيدىكى يۇرتىغا ئېلىپ كىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى مۇھەببەتلىشىشتىن توسۇپ تۇرۋالغاچقا، ئامالسىز، قىز بىلەن بىللە قېچىپ كىتىش ئامالىنى ئويلاپ تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
   قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىر چەتتە ئىككەيلەننىڭ قۇچاقلىشىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ، خىجىل بولغىنىدىن ئېغىر خۇرسىنىپ كەتكەن! ئاخىرىدا، خەلق ساقچىلىرىنىڭ نەسىھەت قىلىپ خىزمەت ئىشلىشى ئاستىدا، ئوغۇل ئاۋال ئۆزى يالغۇز يۇرتىغا قايتىپ ئاتا-ئانىسىنى باشلاپ كىلىپ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ياخشى پاراڭلاشقاندىن كىيىن، ئاندىن كىيىنكى قەدەم قانداق قىلىشنى بىكىتىشنى قارار قىلغان. بۇ ۋاقىتتا، قىز ئوغۇلنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كىتىپ قالماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، جىددىلىشىپ يىغلاپ سالغان؛ قىزنىڭ ئانىسى بولسا ھۆمەيگىنىچە كىلىپ، قىزىنى تارتقىنىچە ئوغۇلنىڭ قولىدىن ئاجرىتىپ تۇتۇپ قالغان؛ ئوغۇل بولسا كۆزى قىيمىغان ھالدا ۋوگزالغا كىرىپ كەتكەندە، بۇ قېتىمقى ماجرا ئاندىن ئاياغلاشقان.
   بۇ بىر جۈپ قىز-ئوغۇلنىڭ قېچىپ كىتىش سۈرەتلىك فىلىمى توردا ئاشكارىلىنىپ چىققاندىن كىيىن، ئاز بولمىغان تورداشلارنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىغان. بەزىلەر، ياشلىق مەزگىلىدىكى مۇھەببەت مۇشۇنداق داغدۇغىلىق بولۇشى كىرەك دەپ قارىغان؛ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا، بۇ خىل قىلمىش ناھايىتى كۈلكىلىك بولۇپ، بۇنداق مۇھەببەتنىڭ ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغانلىقىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىرىگە بەرداشلىق بىرىپ بولالماي ئايرىلىپ كىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇنداقتا، سىزنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا قارىشىڭىز قانداق؟ سۆز قالدۇرۇش رايونىدا سۆز قالدۇرۇپ مۇنازىرگە قاتنىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号