ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۆلىتىمىز ئىنتىرنىت تورى دوكلاتى ئېلان قىلىندى، ھەيران قالارلىق
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-31كۆرۈلىشى : قېتىم
   جۇڭگو ئىنتىرنىت تور ئۇچۇر مەركىزى، بۈگۈن 44-قېتىملىق "جۇڭگۇ ئىنتىرنىت تور تەرەققىيات ئەھۋالى سىتاستىكا دوكلاتى"نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى6-ئايغىچە، دۆلىتىمىز "تور خەلقى" 854مىليۇنغا يەتكەن بولۇپ، 2018-يىلى يىل ئاخىرىسىدىكىگە قارىغاندا 25مىليۇن980مىڭ ئادەم كۆپەيگەن؛ ئىنتىرنىت تورى ئومۇملىشىش نىسبىتى %61.2گە يىتىپ، 2018-يىل ئاخىرىسىدىكىگە قارىغاندا %1.6ئاشقان.
   تۆۋەندىكىلەر، 2019-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى دۆلىتىمىز ئىنتىرنىت تورى تەرەققىيات يۈزلىنىشى:
    IPv6ئادرىسى مىقدارى يەرشارى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ".cn" تور بىكەت ئادىرىسى سانى ئۆزلۈكسىز ئاشقان
   2019-يىلى 6-ئايغا كەلگىچىلىك، دۆلىتىمىز IPv6ئادىرىسى مىقدارى، 50286 /32غا يىتىپ، 2018-يىل ئاخىرىغا قارىغاندا %14.3 ئاشقان ھەمدە يەرشارى بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا چىققان. تور بىكەت ئادىرىسى ئومۇمى مىقدارى 48مىليۇن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ".cn" تور بىكەت ئادىرىسى 21مىليۇن850مىڭغا يىتىپ، 2018-يىل ئاخىرىغا قارىغاندا %2.9ئاشقان ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى تور بىكەت ئادىرىسى ئومۇمى مىقدارىنىڭ %45نى ئىگىلىگەن.
    ئىنتىرنىت تورى ئومۇملىشىش نىسبىتى %60دىن ئېشىپ، كۆچمە ئىنتىرنىت تورى ئىشلىتىش داۋاملىق تەرەققى قىلغان
   2019-يىلى 6-ئايغا كەلگىچىلىك، دۆلىتىمىزدىكى تورغا چىقىدىغانلارنىڭ سانى 854مىليۇنغا يىتىپ، 2018-يىل ئاخىرىغا قارىغاندا 25مىليۇن980مىڭ ئادەم ئاشقان؛ ئىنتىرنىت تورى ئومۇملىشىش نىسبىتى بولسا %61.2گە يىتىپ، 2018-يىل ئاخىرىغا قارىغاندا %1.6ئاشقان. دۆلىتىمىز يانفوندا تورغا چىقىدىغانلار سانى 847مىليۇنغا يىتىپ، 2018-يىل ئاخىرىغا قارىغاندا، 29مىليۇن 840مىڭ ئادەم ئاشقان؛ "تور خەلقى"نىڭ يانفوندا تورغا چىقىش نىسبىتى %99.1گە يىتىىپ، 2018-يىل ئاخىرىغا قارىغاندا %0.5ئاشقان. بەش يىل ئىلگىرىگە سېلىشتۇرغاندا، كۆچمە كەڭ بەلباغ تورىنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈرۈش سۈرئىتى 6ھەسسە يوقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يانفوندا تورغا چىقىش ھەق ئۆلچىمى تۆۋەنلەش دەرىجىسى %90كە يەتكەن. "سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش"، كۆچمە تېلفون ئىنتىرنىت تورى ئېقىم مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئابونتلار ئىشلەتكەن كۆچمە تېلفون ئىنتىرنىت تورى ئايلىق ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 7.2GBگە يەتكەن؛ كۆچمە تېلفون ئارقىلىق ئىنتىرنىت تورىغا چىقىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئېقىم مىقدارى 55مىليارد 390مىليۇن گېگا بايتقا (GB) يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %107.3 ئاشقان.
   ئىستىمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارالىق ئىنتىرنىت تور سودىسى قاتارلىق ساھەلەر ئۆزلۈكسىز تۈردە تەرەققى قىلدى
   2019-يىلى 6-ئايغا كەلگىچىلىك، دۆلىتىمىزدىكى ئىنتىرنىت تورىدىن مال سېتىۋالىدىغان ئابونتلار كۆلىمى 639مىليونغا يىتىپ، 2018-يىل ئاخىرىغا قارىغاندا 28مىليۇن 710مىڭ ئادەم ئاشقان ھەمدە ئىنتىرنىت تورىغا چىقىدىغان ئامما ئومۇمى سانىنىڭ %74.8نى ئىگىلىگەن. توردىن مال سېتىۋىلىش بازىرى نىسبەتەن تىز سۈرئەتتىكى تەرەققىياتنى ساقلاپ، چىگرا ھالقىغان تور سودىگەرلىرى، ئەندىزىدە يىڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار، توردا مال سېتىۋىلىش بازىرى ئۈچۈن يىڭى بىر ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئېلىپ كەلدى.
    تور ۋىدىئو تىجارىتى تېخىمۇ كەسىپلىشىپ، كۆڭۈل ئېچىش مەزمۇنى ئىكىلوگىيىسى تەدرىجى ھالدا قۇرۇپ چىقىلدى
   2019-يىلى 6-ئايغىچە، دۆلىتىمىز تور ۋىدىئو ئابونتلىرىنىڭ كۆلىمى 759مىليۇنغا يىتىپ، 2018-يىل ئاخىرىغا قارىغاندا 33مىليۇن 910مىڭ ئادەم ئاشقان ھەمدە ئىنتىرنىت تورىغا چىقىدىغان ئومۇمى ئاممىنىڭ %88.8نى ئىگىلىگەن. ھەرقايسى ۋىدىئو مۇلازىمەت سۇپىلىرى، مەھسۇلاتلىرىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەپسىلى تۈرلەرگە ئايرىپ ھەمدە ئۇلارغا قارىتا كەسىپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ساھە ئىچىدىكى كۆڭۈل ئېچىش مەزمۇنى ئىكىلوگىيەسىنى تەدرىجى ھالدا قۇرۇپ چىقتى.
   ئىنتىرنىت تورى مائارىپى تۇراقلىق ھالدا تەرەققى قىلىپ، يېزا قىشلاقلارنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلىرىنى تۇلۇقلىدى
   2019-يىلى 6-ئايغىچە، دۆلىتىمىز ئىنتىرنىت تور مائارىپى ئابونتى كۆلىمى 232مىليۇنغا يىتىپ، 2018-يىل ئاخىرىغا قارىغاندا 31مىليۇن 220مىڭ ئادەم ئاشقان ھەمدە ئىنتىرنىت تورىغا چىقىدىغان ئومۇمى ئاممىنىڭ %27.2نى ئىگىلىگەن. ئىنتىرنىت تور مائارىپىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم يېزا-قىشلاقلاردىكى ۋىدىئولۇق يېغىن زالى، بىۋاستە تارقىتىشنى قوبۇل قىلىش ئۆيى، كۆپ ۋاستىلىك سىنىپ قاتارلىق قاتتىق ئەسلىھەلەر ئۆزلۈكسىز تۈردە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەر تۈرلۈك دەرس سۆزلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، يېزا-قىشلاق مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن يىڭى بىر ھەل قىلىش لايىھەسى تەمىنلىدى ھەمدە ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق، يېزا-قىشلاق مائارىپىنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى تولدۇردى.
   ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىنتىرنىت تورىدا ئىش بىجىرىشى ئومۇملىنىش نىسبىتى %60گە يېقىنلىشىپ، مۇلازىمەت سەۋيىسى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى
   2019-يىلى 6-ئايغىچە، دۆلىتىمىز ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىنتىرنىت تورىدا ئىش بىجىرىش ئابونتلىرى كۆلىمى 509مىليۇنغا يىتىپ، ئىنتىرنىت تورىغا چىقىدىغان ئاممىنىڭ %59.6نى ئىگىلىگەن. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئاشكارىلاش جەھەتتە، 2019-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئاشكارىلاش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچەپ، نوقتىلىق ساھەلەردىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号