ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھامبۇرگ بولكىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك پىشۇرۇلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئىشىنىمەنكى سىز ھامبۇرگ بولكىسىنى كۆپ يىگەن، ئەمما چوقۇم ئۇنچە بەك چوڭ ئەمەس. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىنىڭ مىچىگىن شىتاتىدىكى بىر تاماقخانىدا، دەرىجىدىن تاشقىرى بىر ھامبۇرگ بولكىسى مەيدانغا كەلگەن! بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ھامبۇرگ بولكىسىنىڭ ئېغىرلىقى 1774قاداق(تەخمىنەن 1609جىڭغا تەڭ) كىلىدىغان بولۇپ، بىر تۇياق كالىدىنمۇ ئېغىر. ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسى 6000فوندسىتىرلىڭغا(تەخمىنەن 52مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) يىتىپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ قىممەت ھامبۇرگ بولكىسغا ئايلانغان ۋە جىننىس دۇنيا رىكوتى ياراتقان.
   بۇ ھامبۇرگ بولكىسىنىڭ ئارىسىغا ئېلىنغان كۆكتاتلار ئىنتايىن "مول" بولۇپ، پەقەت قوشۇلغان پىيازنىڭ ئۆزىلا 300قاداققا(تەخمىنەن 272جىڭغا تەڭ) يەتكەن؛ بۇندىن باشقا، ھامبۇرگ بولكىسى ئارىسىغا ئېلىنغان "غايەت زور" كالا گۆشىنى پىشۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئاز ئىش كەتمىگەن. ئەمما تىرىشقان يەردە قالماپتۇ دەپ، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ھامبۇرگ بولكىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك پىشۇرۇلۇپ، ئەتراپتىكى ھەممەيلەننىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغاپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتقان.
   ئەمىلىيەتتە، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ھامبۇرگ بولكىسىنى، بىر خېرىدار ئۈچ كۈن بۇرۇن زاكاز قىلغان؛ ئەمما بۇ خېرىدارنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنچە چوڭ ھامبۇرگ بولكىسىنى لازىم قىلىدىغان بولۇپ قالغىنىنى ھېچكىم بىلەلمىگەن. بىراق، بۇ تاماقخانىنىڭ بۇنچىلىك چوڭلۇقتىكى ھامبۇرگ بولكىسىنى پىشۇرۇپ تەييار قىلالىشى، ئادەمنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق يىڭى دۇنيا رىكوتى ياراتقان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号