ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كۆزدىن ئاققان قانمىدۇ ياكى ياشمىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھىندىستاندا غەلىتە بىر قىز بار، ئۇ يىغلىسىلا كۆزلىرىدىن قانلىق ياش ئېقىپ چىقىدۇ. بۇ قىز كىچىككىنە تۇرۇپ شۇنچە ئازاپ تارتقان بولۇپ، ئادەمنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغايدىكەن؛ ئۇنداقتا، نىمە سەۋەپتىن بۇ قىزنىڭ كۆزلىرىدىن قانلىق ياشلار ئاقىدۇ؟
   بۇ ئەھۋال، ئۇنىڭ 15ياش ۋاقتىدىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان؛ ئۇ 15ياشقا كىرگەن يىلى، تۇيۇقسىزلا ، يىغلىسا كۆزىدىن نورمال ئادەمنىڭكىگە ئوخشاش ياش ئەمەس، قان ئېقىپ چىقىدىغان بولۇپ قالغان. ئەھۋال ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ كۆزى ئەتراپىدا ۋە ئىچكى قىسمىدا ھېچقانداق جاراھەت يوق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ھەرقېتىم يېغىسىنى توختاتقاندا، كۆزىدىن قان ئېقىپ چىقىشمۇ توختايدۇ.
    ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ ئالدىرماڭ، تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى تېخى ئالدىمىزدا.
   قىزنىڭ ئانىسىنىڭ دىيىشىچە، قىزنىڭ كۆزىدىنلا ئەمەس، بەدىنىنىڭ ھەممە يىرىدىن قان تەپچىپ چىقىدىكەن!!! ئۇلار بايقىغان بىرىنچى قېتىم قان تەپچىپ چىققان جاي ئېغىز بوشلۇقى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسى قىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. بىراق، دوختۇر بۇنى ئادەتتىكى بىر ئېغىز بوشلۇقى يارىسى دەپ قاراپ، بەك ئىرەنشىپ كەتمىگەن؛ بىراق ئويلىمىغان يەردىن، قىزنىڭ قاباھىتى تېخى ئەمدى باشلانغان ئىدى.
    ئارىدىن نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن، قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى، قان تەپچىش ھادىسىسىنىڭ تەدرىجى ھالدا باش، كۆز، بۇرۇن ۋە بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ھەتتا دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئويناۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بىلەكلىرىدىنمۇ سەۋەپسىزلا قان تەپچىپ چىققان. بۇ خىل قان تەپچىپ چىقىش ھادىسىسى، كۈندە ئاز دىگەندە بەش قېتىم كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئەمما قىز بۇ ئەھۋالغا قەيسەرلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ يۈزلەنگەن.
    قىزىنىڭ بۇ غەلىتە كىسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى قىزىنى ئېلىپ نۇرغۇن دوختۇرخانىلارغا بارغان؛ دوختۇرلار قىزغا قارىتا تەپسىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇندىن باشقا، قىزدىكى ئالامەتلەرگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىردىنبىر كىسەللىك "قان ئارىلاش ياش ئېقىش كىسىلى"مۇ ئىنكار قىلىنغان. چۈنكى، "قان ئارىلاش ياش ئېقىش كىسىلى"دە، بىمارنىڭ كۆزىدىنلا ياش ئاقىدۇ؛ بىراق بۇ قىزنىڭ بولسا، بەدىنىنىڭ ھەممە يىرىدىن قان تەپچىپ چىقىدۇ.
   قىز ۋە ئائىلىسىدىكىلەر نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرغان ۋاقىتتا، ئەنگىلىيەدىكى ئىنتايىن نۇپۇزلۇق بىر قان كىسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، قىزغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى؛ بىراق، ئۇلارنى خۇشال قىلغان بۇ "ئۈمىد"نىڭ ئېلىپ كەلگىنى، تېخىمۇ چوڭ ئۈمىدسىزلىك بولدى. ئۇ مۇتەخەسسىس قىزغا قارىتا تەپسىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، قىزنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ جامائەتچىلىكنى ئالداۋاتقان دەپ قارىغان. چۈنكى، مۇتەخەسسىسنىڭ دىيىشىچە، قىزنىڭ تىرىسىدە ھېچقانداق جاراھەت يوق ئىكەن، ئەمما تەپچىپ چىققان قان ھەقىقەتەن قىزنىڭ قېنى ئىكەن؛ شۇڭا ئۇ نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号