ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر كىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە بۇ سۇئاللارنى سورىمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىر نۇرغۇن ئاياللار توي قىلىش يېشىغا يەتكەندىن كىيىنمۇ توي قىلىشنى خالىمايدۇ؛ چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەردىن بىرەرنى ئۇچرىتالمىغان بولىدۇ، ھازىر ياخشى ئەرلەر ئىنتايىن ئاز.
   ئاياللار ھەمىشە يېنىدىكى ئەركىشىدىن، سىز مىنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سورايدۇ؛ چۈنكى، ئۇلار مۇھەببەتكە مۇھتاج.
   ئەگەر بىر ئەركىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭدىن كۆپ سۇئال سوراش كەتمەيدۇ. ئەگەر بىر ئەركىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇ سىزدىن تۆۋەندىكىدەك سۇئاللارنى سورىمايدۇ.
مائاشىڭىز نەچچە پۇل؟ قانچە پۇل ئىشلەتتىڭىز؟
   ئەگەر بىر ئەركىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇ سىزنىڭ قانچىلىك پۇل تېپىشىڭىز بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ سىزنى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇ پەقەت كۆپرەك پۇل تېپىپ سىزنى ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىشنىلا ئويلايدۇ. سىزنىڭ نەچچە پۇل خەجلىگەنلىكىڭىز بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.
نەگەر باردىڭىز؟ كىملەر بىلەن باردىڭىز؟
   ئەگەر بىر ئەركىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ھەمىشە نەگەر بارغانلىقىڭىزنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سوراپ، ئەركىنلىكىڭىزگە ئارىلىشۋالمايدۇ ھەمدە سىزگە تۇلۇق ئىشىنىپ، بەلگىلىك خۇسۇسىي بوشلۇق بىرىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق مۇھەببەتنىلا ئاندىن ھەقىقى مۇھەببەت دەپ ئاتاشقا بولىدىغان بولۇپ، ئىشەنچ، مۇھەببەتنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر؛ ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ مۇھەببەت باغلىغان ئىكەن، ئۇنداقتا بىر-بىرىگە ئىشىنىشى كىرەك.
سىز تاماق ئىتىشنى بىلەمسىز؟
   ئەركىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، سىزنىڭ تاماق ئىتەلەيدىغان ياكى ئىتەلمەيدىغانلىقىڭىزنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ؛ چۈنكى، ئەگەر ئۇ سىزنى راستىنلا ياخشى كۆرسە، ئۇ ئۆزى تاماق ئىتىشكە رازى بولىدۇ. سىز ئۈچۈن تاماق ئىتىپ بىرىشنى خالىغان ئەركىشى، سىزنى چوقۇم ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان كىلىدۇ.
   جاڭ مەنيۈ ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: "مىنىڭ بۇ يېشىمغا كەلگەندە، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم، تاماقنى ئوخشىتىپ ئىتەلەيدىغان بىر ئەركىشىدۇر".
   جاڭ شىياۋشىيەنمۇ ئىلگىرى مۇنداق دەپ ئېيتقان: "تاماق ئىتىشكە ئىرىنمەيدىغان بىر ئەركىشىنى قۇچاقلاش، ئۇزۇن مەزگىللىك تاماق بىلىتىگە ئىرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى".
   ئەرلەرنىڭ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق ئىتىشى، مۇھەببەتنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号