ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قېيىنئانا كىلىن ئەپ ئۆتمەيدىغان ئۆيدىكى قېيىنئانىنىڭ ئىپادىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تىلغان ئالغاندا، قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى، ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان بىر پاراڭ تىمىسىدۇر. بورت.خارىنىگىر ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: "ئائىلە تىراگىدىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ كىلىش مەنبەسى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولماسلىق".
    بۇ خىل ياخشى بولماسلىق، قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشلىرىدا، ئىنتايىن ئىنىق گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ.
   بەزىلەر دەيدۇكى، ئانا-بالا بولسا قانداشلىق مۇناسىۋىتى؛ بىراق، قېيىنئانا-كىلىن بولسا ئىجتىمائى مۇناسىۋەت. ئالدىدىكىدە، پەقەت ھىسياتىمىزنى تەبىئى ھالدا ئىپادىلەپ چىقارساقلا، خاتىرجەم ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ؛ ئەمما كىيىنكىسى بولسا، ئادەمنىڭ ھىسي كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى سىنايدۇ.
    ئەپسۇسلىنارلىقى، قېيىنئانا-كىلىن ئوتتۇرسىدىكى كۈچ سىنىشىشتا، مەڭگۈ يىڭىپ چىققۇچى بولمايدۇ؛ ئاخىرىدا، كۆپىنچە قېيىنئانا-كىلىن ئەپ ئۆتمەي، ئائىلە ئىناقلىقى ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇچراتقان قېيىنئانا-كىلىن ئەپلىشەلمەسلىك مىساللىرىغا ئاساسلانغاندا، قېيىنئانا-كىلىن ئەپلىشەلمەيدىغان ئائىلىلەردە، قېيىنئانىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىپادىسى بار بولىدۇ.
خارەكتىرى كۈچلۈك، ھەممىنى كونتىرول قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇش
   بۇنداق قېيىنئانىلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرى كۈچلۈك، كونتىرول قىلىش ئىستىكىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئائىلە ئىشلىرىنى، چوڭ-كىچىك ھەممىنى ئۆز كونتىروللىقىدا تۇتۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزى كونتىرول قىلالمىغان نەرسىدىن، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھىس قىلالمايدۇ.
   ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق قېيىنئانىغا ماس ھالدا، چوقۇم "ئانىسىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان"، ھەرقانداق ئىشتا ئانىسىنىڭ دىگىنى بويىچە ئىش كۆرىدىغان ئەردىن بىرسى بار بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئائىلە مۇناسىۋىتى، باشلىنىشتىلا تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان بولىدۇ. ئەسلىدە قېيىنئانا-كىلىن ئوتتۇرسىدا "تەڭپۇڭلاشتۇرۇش" رولىنى ئوينايدىغان ئەر، قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىلغا ئۆزگىرىپ قالىدۇ.
   ئەگەر، خارەكتىرى ئاجىز، ھەممە ئىشنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۆتكۈزۈۋىتىدىغان ھەمدە "قولىقى يۇمشاق" كىلىنگە ئۇچراپ قالسا چوڭ ئىش چىقمايدۇ؛ ئەمما ئوخشاشلا خارەكتىرى كۈچلۈك بولغان كىلىنگە ئۇچراپ قالسا، ئۇنداقتا ھەر ۋاقىت تىغمۇ تىغ تۇرىدىغان بىر مەيدان "ئائىلە ئۇرۇشى" باشلىنىدۇ.
ئىدىيىسى قالاق، ھەممە ئىشقا ئارىشىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ
   قېيىنئانا بىلەن كىلىن ئىككى دەۋردىكى ئادەملەر، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش مۇھىتى ۋە قوبۇل قىلغان تەربىيەسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭغا ئەسلى ئائىلىسىنىڭ تەسىرى قوشۇلۇپ، ئىككەيلەننىڭ يىڭى شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇشى ۋە قوبۇل قىلىش دەرىجىسىمۇ، تەبىئىيلا ئوخشاش بولمايدۇ.
   ئىدىيىسى قالاق قېيىنئانىلارنىڭ قوبۇل قىلغىنى، كۆپىنچە نىسبەتەن ئەنئەنىۋى بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى تەربىيەسىدۇر. ھازىر ئۇلارمۇ ئۇزۇن يىللىق جاپا-مۇشەققەتلەردىن كىيىن قېيىنئانا بولغان، شۇڭا ئۇلار، ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن بۇ خىل قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى ئەندىزىسىنىڭ، كىلىنىنىڭ ئۈستىدە داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل قېيىنئانىلار ئۆزى "كىلىن" بولغان ۋاقىتتا خۇلاسىلاپ چىققان "تەجىربىلىرىگە" ئاساسەن كىلىنىگە تەلەپ قويىدۇ ھەمدە كىلىنىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا، ئۆزىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئارىلىشىۋالىدۇ.
   ئەمما ئۇلارنىڭ بىلمەيدىغىنى، ھازىر دەۋر ئۆزگەردى؛ قېيىنئانا ۋە كىلىننىڭ يەنىلا چوڭ-كىچىكلىك پەرقى بار بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكى ئۇ خىل "قېىنئانا-كىلىن" مۇناسىۋىتى ئاللىبۇرۇن دەۋرگە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. بۇنداق ئىلگىرىكى ئۆلچەم بويىچە ھازىرقى مۇناسىۋەتكە تەلەپ ئۆلچەم قويساق، تەبىئىيلا كۈچلۈك بولغان قارشىلىقنى قوزغايدۇ.
"سەنئەتچى"گە ئايلىنىپ، ھەممە ئىشنى بۇزۇپ يۈرىدۇ
   زېڭ زىخاڭ ئىلگىرىكى بىر كىتابىدا مۇنداق دەپ يازغان: "قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى، ئەمىلىيەتتە باشقا بىر خىل ئۈچ بۇرجەكلىك مۇناسىۋەت بولۇپ، ئادەتتىكى ئۈچ بۇرجەكلىك مۇناسىۋەتكە ئوخشاشلا، ئىككى ئايال كىشى بىر ئەركىشىنى تالىشىۋاتقان بولىدۇ".
   بەزى قېيىنئانىلار، ئوغلى توي قىلغاندىن كىيىن، بىر نەرسىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك بولۇپ قېلىپ، ئەسلىدە ئۆزىگە تەۋە بولغان ئوغلى، بىراقلا كىلىنى تەرپىدىن تارتىۋىلىنغاندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ ھەمدە كۆڭلىدە "كۈندەشلىكى" تۇتۇشقا باشلايدۇ. بىراق، ئۇلار كىلىنى بىلەن ئۇچۇق ئاشكارە ھالدا ئوغلىنى تالاشسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، شۇڭا ئۇلار "سەنئەتچى" بولۇپ ئويۇن قويۇشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ.
   ئۇلار كۆپىنچە ئوغلىنىڭ ئالدىدا بىر خىل، ئوغلى يوق ۋاقىتتا بىر خىل بولىۋالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق كەچمىشلىرى مول بولغانلىقتىن، ئادەتتە "ئويۇننى" ئىنتايىن قاملاشتۇرۇپ ئوينىيالايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئوغلى تولاراق ئۇلارنىڭ ئالدام خالىتىسىغا چۈشۈپ كىتىدۇ.
   بۇ خىل قېيىنئانىلار، ئادەتتە ئائىلىنىڭ ئىناق بولماسلىقىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممە ئىشلارنى بۇزۇپ تەتۈرسىگە تاراپلا ئۆتىدۇ. چۈنكى، پەقەت ئائىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتكەندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ "كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى" گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号