ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دادىنىڭ ئوغلىغا نەسىھىتى: "ئۈچ يوق" ئاياللارنى ئېلىشقا بولمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بىز ئادەتتە بىرەر نەرسە سېتىۋالماقچى بولساق، كاپالىتى بولمىغان "ئۈچ يوق" مەھسۇلات سېتىۋىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھاياتى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمىز؛ شۇڭا، ئادەتتە نەرسە- كىرەك سېتىۋالغاندا، بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز. بىراق سىز بىلەمسىز؟ ئادەتتە نەرسە-كىرەك سېتىۋالغاندىن باشقا، ئەرلەر ئۆزىگە لايىق ئىزدىگە ۋاقىتتىمۇ، ئەگەر ئىھتىيات قىلمىسا "ئۈچ يوق" ئايال كىشىگە ئۇچراپ قېلىشى ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۆزىگە خەۋپ ياكى كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. يېقىندا بىر دادا ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ، "ئۈچ يوق" ئايال كىشىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسەڭمۇ تويلىشىپ ئەمرىڭگە ئېلىشقا بولمايدۇ دەپ ئېيتقان؛ ئۇنداقتا، قانداق ئاياللار، بۇ دادىنىڭ ئېغىزىدىكى "ئۈچ يوق" ئاياللار ھىسابلىنىدۇ؟
خىزمىتى يوق ئاياللار
    بىر قىز بالا ئەگەر ئوقۇغۇچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ خىزمىتى ئۆگىنىش بولىدۇ، شۇڭا خىزمىتى يوق بولۇش نورمال بىر ئىش. بىراق، ئەگەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ ئىزچىل تۈردە خىزمەت تاپماي كۈنلىرىنى بىكار ئۆتكۈزسە ھەمدە ئاتا-ئانىسىنىڭ بېقىشىغا قاراپ ئولتۇرسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئايال كىشى بىلەن ھەرگىز تويلىشىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بىرەر مۇقىم خىزمىتى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئايال كىشىنىڭ ھېچقانداق بىر مۇقىم كىرىم مەنبەسى يوق ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ قانداق قىلىپ بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەلىسۇن؟
بانكىدا پۇلى يوق ئاياللار
    ئايلىق مائاشىنى ئايدا خەجلەپ تۈگىتىدىغانلار ھازىرقى ياشلار ئارىسىدا ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك بىر ھادىسە بولۇپ قالدى ھەمدە بۇ سەپكە قېتىلىدىغانلارمۇ بارغانسىرى كۆپەيمەكتە؛ بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرى ھەتتا، ئالدىن چىقىم قىلىپ، كىرىمى چىقىمىنى قامدىيالمايدىغان بولۇپ قالماقتا. ئەگەر بىر ئەركىشى بۇنداق پەقەت پۇل خەجلەشنىلا بىلىدىغان ئايال كىشى بىلەن توي قىلسا، ئۇنداقتا شۈبھىسىزكى، ئەركىشىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ نامراتلىشىپ تۈگىشىدۇ.
ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى يوق ئاياللار
   ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپ، ئادەمنىڭ ھايۋان بىلەن بولغان تۈپ پەرقى. بىر ئادەم مەردە ۋە مۇھەببىتى چوڭقۇر بولۇشى كىرەك، ئەمما ئادىمىيلىك ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى—مەيلى ئەخلاق جەھەتتىكى ياكى مۇھەببەت جەھەتتىكى ئاخىرىقى چەك-پىرىنسىپى يوق بولۇپ قالسا قەتئى بولمايدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ پىرىنسىپى بار ئادەملەرلا، ئاندىن بۇ جەمئىيەتتىكى يۇشۇرۇن قائىدىلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئەقىلگە سىغمايدىغان ناچار ئەسكى ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنالايدۇ. ئەگەر بىر ئايال كىشىنىڭ ئاخىرقى چەك پىرىنسىپى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئەخلاقىمۇ چوقۇم ياخشى ئەمەس؛ بۇنداق ئايال كىشى بىلەن ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرۇش، دۇنيادىكى ئەڭ ئازاپلىق ئىشتۇر.
ئاخىرقى سۆز
    تويلىشىش چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس؛ ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، ئەستايىدىل تاللىشى كىرەك. چۈنكى، سىز توي قىلماقچى بولغان ئادەم، سىزنىڭ قالغان ئۆمرىڭىزنى بىرگە ئۆتكۈزىدىغان ئادەم، بىر مەزگىللىك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى ئەركىشى بولسۇن ياكى ئايال كىشى بولسۇن، تويلىشىش مەسلىسىدە، كاللىسىنىڭ سەگەكلىكىنى ساقلاپ، ئىنچىكە ئويلىشىپ ئىش كۆرۈشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号