ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يىمەكلىك ئارقىلىق كۆز ئاسراشتا سەۋزىدىن باشقا تاللاشمۇ بارمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۆز، قەلبنىڭ دەرىزىسى؛ بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن، كۆز يەنە ئۇچۇر يەتكۈزەلەيدىغان بولۇپ، قارشى تەرەپكە ئۆز خىيالىنى بىلدۈرەلەيدۇ. بىراق ھازىر، كۆپ قىسىم كىشىلەر كۆزنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىتىش مەسىلىسىگە دۇچ كىلىۋاتقان بولۇپ، چوڭلارلا ئەمەس، ئوقۇغۇچىلاردىمۇ، يېقىننى كۆرەر كۆز، كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆرۈش پەردىسى ياللۇغى قاتارلىق كۆز كىسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلمەكتە.
   ئۇنداقتا بىز كۆزىمىزنى قانداق ئاسرىشىمىز كىرەك؟ بىر قىسىم كىشىلەر سەۋزە يىيىش ئارقىلىق كۆز ئاسراشنى تاللايدۇ. سەۋزىنى پىشىرۇپ يىيىشكە ۋە خام يىيىشكىمۇ بولىدۇ، ئەمما يەنىلا پىشۇرۇپ يىيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ بۇنىڭدا، بەدەننىڭ سەۋزە تەركىبىدىكى كاروتىننى قوبۇل قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، كۆزگە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. سەۋزىدىن باشقا، بىز يەنە قايسى خىل يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق كۆزنى ئاسراش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيمىز؟
   كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تۇنۇشىدا، سەۋزە ئاندىن كۆزنى ئاسراش يىمەكلىكى ھىسابلىنىدۇ. بىراق، ۋىيتامىنAنوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چىچەكسەينى ئاندىن ھەقىقى "ۋىيتامىنA پادىشاھى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؛ سەۋزىگە سېلىشتۇرغاندا، چىچەكسەي تەركىبىدىكى ۋىيتامىنAنىڭ مىقدارى، سەۋزىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.
   كۆزىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان كىشىلەر، چىچەكسەينى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە، كۆز ئاسراش رولىنى ئويناشتىن باشقا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بەزى ئاكتىپ ماددىلارنىڭ يەنە راكقا ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈمى بار بولۇپ، مەزى بېزىنى قوغداش، ئۈچەي ساغلاملىقىنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
   چىچەكسەينىڭ ئەڭ ياخشى پىشۇرۇش ئۇسۇلى، دۈملەپ ئىستىمال قىلىش بولۇپ، ئەسلى تەمى ۋە ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر قورۇپ ئىستىمال قىلىشقا توغرا كەلسە، قورۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كىتىش سەۋەبىدىن چىچەكسەي ئۇزۇقلۇق قىممىتىگە تەسىر يىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قورۇشتىن ئاۋال سۇدا بىر قاينىتىۋىتىپ ئاندىن قورۇساق بولىدۇ.
   چىچەكسەيدىن باشقا، كەرەپشىنىڭمۇ بەلگىلىك كۆز ئاسراش رولى بار. ھەر يۈز گىرام كەرەپشە تەركىبىدە 488مىكروگىرام ۋىيتامىنA بار بولۇپ، تېخىم مۇھىم بولغىنى، كەرەپشە يۇپۇرمىقى تەركىبىدىكى ۋىيتامىن Aنىڭ مىقدارى، غول يىلتىز قىسمىنىڭ 9 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ. شۇڭا، ئەگەر كۆز ئاسراش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولسۇن دىسەك، ئۇنداقتا كەرەپشە يۇپۇرمىقىنى تاشلىۋەتمەسلىك كىرەك.
   بۇندىن باشقا، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرىغا قارىتا، كەرەپشە پايدىلىق ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش، كىسەللىك ئەھۋالىنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ. كەرەپشىنى ئادەتتە، شورپا قاينىتىپ ئىستىمال قىلساقمۇ ياكى قورۇپ ئىستىمال قىلساقمۇ بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号