ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئايالىدىن ئاجراشقان بىر ئەرنىڭ تۆت تۈرلۈك نەسىھىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   توي قىلىش مەسىلىسىدە، بەلكىم ھەربىر ئادەمنىڭ قارىشى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن؛ بىراق، بەزىلەرنىڭ ئاجرىشىشى، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرسە، بەزىلەرنىڭ ئاجرىشىشى ئۇلارنىڭ روھى چۈشكۈنلۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   تۆۋەندە، ئايالىدىن ئاجراشقان بىر ئەركىشىنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرى بولۇپ، ئۇ، ئاجرىشىشنىڭ ياخشى ئاقىۋەت ئەمەسلىكىنى، ئاجراشماقچى بولغاندا قايتا-قايتا ئويلىشىپ ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش كىرەك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن.
توي تۇرمۇشىنى قەدىرلەشنى بىلىشىمىز كىرەك
   مەيلى ئەركىشى بولسۇن ياكى ئايال كىشى بولسۇن، ئۆزىنىڭ توي تۇرمۇشىنى قەدىرلەش كىرەك؛ توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويۇش ئاسانغا توختىمايدۇ، شۇڭا توي تۇرمۇشىدىكى جۈپتىمىزگە مەسئۇل بولۇشىمىز، توي تۇرمۇشىنى قەدىرلەشنى بىلىشىمىز كىرەك. بولمىغاندا، كىيىن پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپقىلى بولماي قالىدۇ.
ئايالىمىزغا كۈيۈنۈشنى بىلىشىمىز كىرەك
   ئەرلەر شۇنى ئىسىدە چىڭ ساقلىشى كىرەككى، ئايالىغا كۈيۈنۈشنى بىلگەندىلا، ئاندىن توي تۇرمۇشىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ ھەمدە بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. توي تۇرمۇشى، ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشكەن ئىككى ئادەم قۇرۇپ چىققان تۇرمۇش بولۇپ، ئوتتۇرلۇقتا مۇھەببەت بار بولغاندا، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋاقىتتا، ئاندىن ئاجرىشىش يولىغا مېڭىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىغا مەسئۇل بولۇشىمىز كىرەك
   كىشىلىك ھاياتنى ئۇزۇن دىسەك ئۇزۇن، قىسقا دىسەك ناھايىتى قىسقا. ئەگەر سىز كىشىلىك ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى بولغان نەچچە يىلدا توي قىلىپ ئاجرىشىپ، كەينىدىن يەنە توي قىلىپ ئۆتسىڭىز، قىممەتلىك ھاياتلىق مىنۇتلىرىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتكەن بولىسىز. شۇڭا، ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭىزغا مەسئۇل بولىشىڭىز، ھاياتلىقىڭىزنىڭ توختاپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، دەۋرنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ ماڭالايدىغان بولىشىڭىز كىرەك.
ئۆزىمىزنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە ياخشى كۆرىشىمىز كىرەك
   بىر ئەركىشى، ئۆزىنىڭ ئىشىغا مەسئۇل بولۇشى كىرەك؛ ئۆزىمىز تاللاش قىلغان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا ئاخىرىغىچە تەۋرەنمەي تاللىشىمىزدا چىڭ تۇرىشىمىز كىرەك. بىز باشقىلارنىڭ قاراش-پىكىرلىرى، ھەتتا بىرەر ئېغىز گەپ-سۆزلىرى سەۋەپلىك، ئىلگىرىكى ياخشىلىقلارنى ئىنكار قىلىۋىتىشتىن ۋە ئەڭ دەسلەپكى تاللىشىمىزدىن ۋاز كىچىشتىن ساقلانماق لازىمدۇر. چۈنكى بۇنداق قىلىش، ئايال كىشىگە نىسبەتەن بىر خىل ئازاپ بولىدۇ، سىزگە نىسبەتەنمۇ ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن بولىدۇ.
   توي قىلىپ بىرگە بولغاندىن كىيىن، ئاجرىشىش يولىغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كىرەك. توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرمەك تەس، ئەمما ئايرىلماق ناھايىتى ئاسان. شۇڭلاشقا، ئۆزىڭىزنىڭ چەكلىك ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان كىشىلىرىڭىزنى سۈيۈڭ ھەم ياخشى قەدىرلەڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号