ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزىدىغىنى كۆپىنچە بۇ ئۈچ خىل ئاياللاردۇر
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-11كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىرقى جەمئىيەتتە، يات جىنىسلىقلار مۇھەببىتى مۇناسىۋىتى، ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتتى؛ بەزى ئاياللار، ئۆزىنىڭ بىر ئوبدان ئائىلىسى تۇرسا، يەنە بېرىپ باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزىدۇ.
   ئەگەر سىز ئادىمىيلىكنى ھەقىقى چۈشىنىپ يەتسىڭىز، ئۇنداقتا ئۈچىنچى شەخىس بولۇشنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنچە ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ يۈزىنىڭ نىمە ئۈچۈن قېلىنشىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. ئادەتتە، جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام بولغان، مۇستەقىل كەلگەن، ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۆزىنى سۈيىدىغان ئاياللار، باشقا بىرسىگە ئاشنا بولۇشنى نومۇس دەپ بىلىدۇ؛ پەقەت جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام بولمىغان، ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپىنى يوقاتقان ئاياللارلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ ئاشنا بولۇشقا رازى بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئاياللار كۆپىنچە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئاياللاردۇر.
ئېغىر دەرىجىدە مۇھەببەت كەمچىل ئاياللار
   بىر خىل ئاياللار بار بولۇپ، ئۇلار توي قىلغان تەقدىردىمۇ، تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشى كۆڭۈلدىكىدەك چىقماي، ئىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، ھىسيات جەھەتتە ئىرىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ ياكى ھىس قىلىپ يىتەلمەيدۇ. بۇنداق ئاياللار، تويدىن كىيىن ئاسانلا سىرتتىن ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەيدىغان بولۇپ، دەردىنى باشقا ئەركىشىگە تۆكۈشكە ئامراق كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئاشنىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئاياللاردا ئېغىر دەرىجىدە مۇھەببەت كەمچىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسى بۇرمىلىنىپ كەتكەن بولىدۇ؛ قارشى تەرەپ ئەسكى ئادەم ياكى ئائىلىسى بار بولسىمۇ، پەقەت ئۇلارغا ئازراق مۇھەببەت بەرسىلا، بۇ خىلدىكى ئايال كىشىنىڭ بارلىقىغا ئىرىشەلەيدۇ.
پۇلغا ئامراق ئاياللار
   بەزى ئاياللار مۇھەببەتنى دەپ توي قىلىدۇ، يەنە بەزى ئاياللار بولسا پۇلنى دەپ توي قىلىدۇ؛ كىيىنكى خىلدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر نەرسىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولىدۇ. ئۇلار پۇل ئۈچۈن، ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەمما نامرات كەلگەن ئەركىشىدىن ۋاز كىچەلەيدۇ؛ ئۇلار پۇل ئۈچۈن، ئائىلىسى بار بىر ئەركىشىنى ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئاشنا بولۇشتىن باش تارتمايدۇ. بۇنداق ئاياللارنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئىنىق بولۇپ، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ پۇلىنى دەپلا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتىدۇ. بىراق، ئەگەر قارشى تەرەپ تۇيۇقسىزلا پۇلى يوق بولۇپ قالسا، بۇ خىلدىكى ئاياللار قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئايرىلىشنى تاللايدۇ.
كەيپىياتى بىنورمال، ھىسياتقا تايىنىپ ئىش كۆرىدىغان ئاياللار
   توي قىلغاندىن كىيىن، كۆپ قىسىم ئاياللار پۈتكۈل زىھنىنى ئىرى ۋە بالىسىغا قارىتىدۇ؛ بۇنداقلارنىڭ كۆڭلى ناھايىتى تۇراقلىق بولۇپ، كۆڭلىدە ئارتۇق خىياللارنى ئويلىمايدۇ. ئەمما يەنە بەزى ئاياللار، توي قىلغاندىن كىيىنمۇ يەنە ناھايىتى مول بولغان ھىسيات دۇنياسىنى ساقلاپ قالىدىغان بولۇپ، بۇنداقلار يات جىنىسلىقلار بىلەن دوستلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ھەمىشە يات جىنىسلىق دوستلىرىغا ھال ئېيتىپ دەرت تۆكىدۇ. بۇنداق ئاياللار، تەبىئيلا باشقىلارنىڭ ئاشنىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
   مۇھەببەت بىلەن توي تۇرمۇشى، بىر-بىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان ئىككى ئىش بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئىزچىل تۈردە ئوڭۇشلۇق بولۇپ كىتىشى ناتايىن بولسىمۇ، ئەمما مۇھەببەت ۋە ھىسياتنى بەزىبىر ئەھمىيىتى يوق، ئەخلاققا مۇخالىپ ئىشلار ئۈستىدە ئىسراپ قىلىۋىتىش، مىنىڭچە ئاقىلانىلىق بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号